سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تەتۈر تۇمشۇق لايخورەك توپى شەرقىي دۇڭتىڭخۇ كۆلىنى ھەيۋەت تۈسكە كىرگۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-20

    يېقىندا بىر توپ تەتۈر تۇمشۇق لايخورەك خۇنەننىڭ شەرقىي دۇڭتىڭخۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا لەرزان قانات قېقىشتى. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان بۇ رايوننىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىل نويابىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر چاڭجياڭ دەرياسى ئىككى قىرغىقىدىكى خۇنەننىڭ دۇڭتىڭخۇ كۆلى ۋە خۇبېينىڭ خۇڭخۇ كۆلىگە قىشلىغىلى كەلگەن تەتۈر تۇمشۇق لايخورەكنىڭ سانى نەچچە 10 مىڭغا يەتكەن. تەتۈر تۇمشۇق لايخورەك پۇتى ئالاھىدە ئۇزۇن بولغان بىر خىل لەيلەك ئاياغلىقلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار) تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلار سازلىقتا ماڭىدۇ، تۇمشۇقى ئورغاققا ئوخشاش ئېگىك، سۇدىكى ھاشارات، بېلىجان، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر ۋە قوش ماكانلىق ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. تەتۈر تۇمشۇق لايخورەك دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن 2000-يىلى 1-ئاۋغۇستتا «دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان، پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋاناتلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.

‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359199011