سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سۈي تيەنكەي، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەرگىزمۇ سودىلاشقىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، دېدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-16

    جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي 14- دېكابىر ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يىللىق كەچلىك زىياپىتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداشتا، چوقۇم جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قوغداش لازىم. سىياسىي ئاساسنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ، مىزان ئۈستىدە سودىلىشىشقا بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەرگىزمۇ سودىلاشقىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس.

    سۈي تيەنكەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان, جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ, ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ياراتتى. ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتۇر. ھەمكارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئايدىڭ بولۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشغا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ.

    سۈي تيەنكەي مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى، ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىستېراتىگىيەلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359111011