جۇڭگو ئاۋازى قانىلى 2012-يىلى ئەنشەندىكى ئاپەتتە يالغان مەلۇمات قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  خەلق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-15 17:04:36

    ئىستانسىسىمىزنىڭ جۇڭگو ئاۋازى قانىلى 12-دېكابىر ئەنشەن شەھىرى شيۇيەن مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 2012-يىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە قازا قىلغان ئادەم 38 بولسىمۇ، لېكىن سەككىز ئادەم قازا قىلدى دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەنشەن شەھەرلىك پارتكومنى دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا بۇيرۇدى، بىز تاراتقۇلار ۋە جەمئىيەتكە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى دەرھال ئېلان قىلىمىز دېدى.

    زىيارەت داۋامىدا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى كەلكۈن كېلىشتىن بۇرۇن بىز ئاگاھلاندۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغاچقا، ھايات ۋە مال مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى دەپ ئىنكاس قىلدى. شيۇيەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق خۇاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: 3-ئاۋغۇست مەن شيۇيەن ناھىيە بازىرىدىن سەنجيازى بازىرىدىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان ئىدىم، يولۇچىلار بېكىتىمۇ باشقا كۈنلەردىكىگە ئوخشاش نورمال ئىشلەۋاتاتتى.

    شيۇيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئەسلىمىسى بۇنىڭغا ئوخشىمىدى، ئۇ مۇخبىرغا: 3-ئاۋغۇست كەچتىلا ئەمەس، 7-ئاينىڭ بېشىدىمۇ ئۇدا نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، قارا يامغۇر ياغىدۇ دېگەن ئىدۇق دېدى.

    قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىدۇق دېدى، ناھىيەلىك پارتكوم خىزمەتچىسى بولسا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن دېدى، شۇڭا بۇنىڭغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭلا ئەسلىمىسىگە تايىنىپ بۇنى تولۇق ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى، مۇخبىر 2012-يىلى 3-ئاۋغۇست نەشردىن چىققان «ئەنشەن گېزىتى»نى كۆرۈپ، كەلكۈن، لاتقا شېغىللىق ئېقىن ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى، پەقەت ئۇدا داۋاملاشقان يامغۇرلۇق كۈن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن خەۋەرنىلا كۆردى، مۇخبىر يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىلا ئاپەتكە ئۇچراش ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتى.

    مۇخبىر شيۇيەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكىتىدىن 1-ئاۋغۇستتىن 4-ئاۋغۇستقىچە ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى. بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەتچىللىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېنياۋ كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن، ئۈنۈملۈك لايىھەنىڭ بولۇش-بولماسلىقى تېخىمۇ مۇھىم، ئاگاھلاندۇرۇش-تۈزۈم جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا شۇكى، ئاپېلسىن رەڭلىك ياكى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىشتىن مەقسەت نېمە؟ قانداق قىلىش، قانداق ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك؟ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قارا يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئۇنداقتا قايسى چاغدا دەرس، ئىش توختىتىش، ئىشقا بارماسلىق ئەڭ مۇۋاپىق؟ بۇ ئىشلار ئېنىق ئېيتىلمىغان، ھازىرغىچە ھەممىسى ئىشتىن كېيىن بولغان، ئىشتىن بۇرۇن ئالاقىدار قېلىپلىق تەدبىرلەر چىقىرىلمىغان. مەن لايىھەنىڭ يەنىلا مۇكەممەل بولماسلىقى ئىنتايىن چوڭ مەسىلە دەپ ئالاھىدە تەكىتلەيمەن.(تامام)

010020070830000000000000011100001359083261