ئېلىمىز داۋالاش تەس بولغان سالجا كېسىلىنى داۋالاشتا مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  خەلق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-15 17:04:36

    دۆلەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ 12-بەش يىلدىكى مۇھىم مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى بولغان سالجا چېقىۋېلىشتىن پەيدا بولىدىغان قىزىش ئارىلاش كېلىدىغان قان پىلاستىنكىسى ئازىيىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى تەتقىقاتىدا مۇھىم نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %30 تىن كۆپرەكتىن %8 كە چۈشۈپ، داۋالاشتا خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

    سالجا ئادەتتە ئۆت-چۆپ، ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى بىلەن يۇڭىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ ياشايدۇ. سالجا چېقىۋالغاندا جاننى ئالىدىغان نۇرغۇن كېسەللەرنى يۇقتۇرىدۇ، شۇڭا ئېلىمىز سالجا كېسىلىدىن ساقلىنىش ۋە داۋالاشنى 12-بەش يىلدىكى دۆلەت پەن-تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم مەخسۇس تەتقىقات تېمىسىغا كىرگۈزگەن، ئازادلىق ئارمىيە 154-دوختۇرخانىسى بىلەن ھەربىي مېدىتسىنا ئاكادېمىيەسى ھەمكارلىشىپ بۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

    نەچچە يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، بۇ تەتقىقات تېمىسىدا مۇھىم نەتىجە ھاسىل بولۇپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»تىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك ئىلمىي ئۇسۇل شەكىللىنىپ، سالجا كېسىلىنى ساقايتىش نىسبىتى %92 كە يېتىپ، ئۆلۈش نىسبىتى %30 تىن كۆپرەكتىن %8 كە چۈشتى.(تامام)

010020070830000000000000011100001359083231