تاموژنا باش مەھكىمىسى 2017-يىللىق «ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى»نى ئىزاھلىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  خەلق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-15 17:04:36

    تاموژنا باش مەھكىمىسى 12-دېكابىر ئېچىلغان مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 2017-يىللىق« ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى»نىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.

    «ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى»نىڭ تولۇق ئاتىلىشى تاۋار ئىسمى بىلەن نومۇرىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى، ئۇ خەلقئارا سودا تاۋارلىرىنى تۈرگە ئايرىشتىكى بىر خىل ئۆلچەم تىلى، بۇ ئاساستىكى تاۋار نومۇر سىستېمىسى تاموژنىدا باج يىغىش ۋە نومۇر بېكىتىپ ئىستاتىستىكا قىلىشنىڭ ئاساسى قورالى.

    يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 2017-يىللىق «ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمى» كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنى 2012-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا جەمئىي 242 تۈرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

    بۇ قېتىمقى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى تەڭشەش خەلقئارا ئەھدىنامە مۇھىت ئاسراش تىزىملىكىدىكى مەھسۇلاتنىڭ يەككە تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، يەنە نۇرغۇن جۇڭگو ئامىلىمۇ قوشۇلدى.

    كەسپى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا قائىدە تۈزۈمدە تېخىمۇ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەردە خەلقئارا سودىدىكى قورغاننى بۇزۇپ تاشلىشىغا، خەلقائارا بازاردا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولۇشقا پايدىلىق.(تامام)

010020070830000000000000011100001359083211