ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  خەلق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-15 17:04:35

    بۇ يىل كىرگەندىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، زور خەتەر ۋە خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەكشى، مۇقىم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، 13-بەش يىللىق پىلاننى ياخشى باشلىدى.

    2016-يىل تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بىر يۈرۈش ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەر ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى، جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشنى تەڭ چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەشكە ئىزچىل كۈچەپ، ئاكتىپ ئۈنۈم كۆردى، بۇ 13-بەش يىللىق پىلان باشلانغان يىلدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا.

    تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئومۇملۇق ۋە يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، بىر يىلدىن بېرى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بەش چوڭ ۋەزىپىنى مەركەز قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە نۇقتىلىق ھالقىلارنى نىشانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، توغرا كۈچەپ، ئۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش جېڭىنى باشلىدى.

    دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پولات تۆمۈر كەسپىدە 45 مىليون توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش يىللىق نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 250 مىليون توننا ئازايتىشتەك پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىشىغا ئۈمىد تۇغۇلغان.

    بىر يىلدىن بېرى دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى تاۋار تۈرى، مۇلازىمەت ئۇسۇلى، سېتىۋېلىش يولى كۈنسىېرى كۆپىيىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ خاسلىشىش، كۆپخىللىشىش تەلىپى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئېشىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئېشىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقان.

    تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ناھايىتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يادرولۇق ئاچقۇچلۇق سۆزمۇ ئىسلاھات، بۇ بىر يىلدىن بېرى تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جەريانىدا نۇرغۇن رايونلار كۈچ چىقىرىپ تۈزۈم تەمىناتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئسىلاھاتتىن نەپ كۆردى.

    ئىشنىڭ بېشى ياخشى باشلانسا ئاخىرقى نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى ھەقىقىي كۈچەيتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، كېلەر يىلى تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل، كىشىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىدا تېخىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلىشىنى، تېخىمۇ جانلىق ئېشىشىنى كۈتمەكتە.(تامام)

010020070830000000000000011100001359083111