نۇرغۇن دېھقاننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئۆستۈرۈلىدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  خەلق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-15 17:04:35

    گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بىرىكتۈرۈش لايىھەسىنى بېكىتىپ بولدى. كېلەر يىلى يېڭى يىلدىن تارتىپ، بۇ جايلار ئاتچوت نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئۆز جايىدا داۋالىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

    گوۋۇيۈەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى. بارلىق يېزا ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىنكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق، ئۇلار شەھەرلەرگە بېرىپ داۋالىنالايدۇ، باشقا جايلارغا بېرىپ داۋالىنىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

    خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمگەك، كادىرلار ئىشلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چۇ يۈلىن مۇنداق دېدى: بىر تۇتاش پىلانلاش دەرىجىسى ھەقىقەتەن ئۆستى، ھازىرقى سىياسەتكە ئاساسەن، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئىشلىرىنى ناھىيەلەر بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى شەھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش پىلانلايدۇ. بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا ئاھالىلىرى شەھەرلەردىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش داۋالىنالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز جايىدا داۋالىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

    ئۇزۇندىن بۇيان، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىكى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، دورا تىزىملىكى شەھەر-بازار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاز بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، جايلاردىكى شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكى كۆپ بولۇش، ئاز بولماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شەھەر-بازار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاراپ بىر تۇتاش ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىكى دورا تىزىملىكى مىڭ ئەتراپىدا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ بولسا 2400 ئەتراپىدا بولۇپ، بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تىزىملىك 2900 خىلغا يېتىدۇ. شىڭتەي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى پىپېراسىلىن ئەسلىدە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنىڭ ئاتچوت دائىرىسىدە ئەمەس ئىدى، ئەمدى بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، كېسەللەر بۇنىمۇ ئاتچوت قىلالايدىغان بولدى دېدى.

    ئاتچوت نىسبىتىدە، تەمىنات يۇقىرى بولۇش، تۆۋەن بولماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شەھەر-يېزا كاپالەت دائىرىسى ۋە تۆلەش ئۆلچىمى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بارلىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كېسەلخانا ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %75 ئەتراپىغا يېتىدۇ شۇنداقلا كېسەل كۆرسىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

    جۇڭگو داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇگۇاڭ سىياسەت بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلىدۇ دېدى.(تامام)

010020070830000000000000011100001359083061