11-ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %10.8 ئۆرلىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  خەلق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-15 17:04:35

    دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 11-ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %10.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن ئايدىكىدىن 0.8 پوئېنت تېز بولغان،ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى ئالاقىدار تاۋارلارنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان. مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان سان بىلەن تەڭلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەل ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى %3.1 بولۇپ، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ساندىن 0.2 پوئېنت تېز بولۇپ، بارلىق سېلىنمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %61.5 كە يەتكەن.

    ئۆي مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ساندىن 0.1 پوئېنت تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.2 پوئېنت تېز بولغان.

    سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە، 11-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئېنت تېز بولغان، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.(تامام)

010020070830000000000000011100001359083041