سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-02

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى

    چېن چۈەنگو، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

    ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى بىرلىكتە ياڭرىتىپ، ئىناقلىق، بەخت ناخشىسىنى تەڭ ئېيتايلى››. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن بەنگۇڭتىڭدىكى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن خۇشال – خۇرام جەم بولۇپ، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر تەييارلىغان ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى بىرلىكتە كۆردى، بىللە كەچلىك تاماق يېدى، دوستلۇق ئىزھار قىلىشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئۆتۈشىگە، بەختلىك، ئامان – ئېسەن بولۇشىغا، ۋەتەننىڭ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى 500 گە يېقىن كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى بار، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، ئۆزبېك، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بەنگۇڭتىڭدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ كەلدى، نۇرغۇن كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى، نۇرغۇن تارماق مەملىكەت، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

    خىزمەت ئورنى ئوخشاش بولمىغان ھەر مىللەتتىن بولغان 300 نەچچە كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تۇرمۇش ۋە كۈندىلىك ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇلار ئادەتتە بىر ئورگاندا ئىشلىسىمۇ، خىزمىتى جىددىي بولغاچقا، بۈگۈنكىدەك ئازادە، خۇشال – خۇرام پاراڭلاشمىقى تەس ئىدى. زال شادىمان كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە شادلىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى. كۆپچىلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىغا بولغان ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەلگەنىدى، چېن ھېسسىيات بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا – ئۇسسۇللار كۆپچىلىكنى مەستخۇش قىلغانىدى.

    بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› ناملىق خور بىلەن باشلاندى. چېن چۈەنگو، لى پېڭشىن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە شادىيانە مۇزىكىغا جور بولۇپ چاۋاك چالدى، كۆپچىلىك ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلانغاچ، بەھۇزۇر پاراڭلاشتى، پائالىيەت خۇشال، شادىمان كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.

    ‹‹خۇشال ئوينايلى›› ناملىق لەپەرنى ئورۇنلىغان مۇبارەك مۇرات بىلەن دىلنۇر پەرھات چېن شۇجىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەزىز مېھماننى كۈتۈش قائىدىسى بويىچە دوپپا سوۋغا قىلدى. ‹‹بىز يولدا›› ناملىق ناخشىدا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنى كۆزلىگەنلىكىدەك ھېسسىياتى؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى›› ناملىق دېكلاماتسىيەدە ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىنغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش ھېسسىياتى؛ ‹‹تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى››، ‹‹چىرايلىق بىر تال ئەتىرگۈل››، ‹‹قەدەھ ناخشىسى›› قاتارلىق نومۇرلاردا قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەت ئىپادىلەنگەنىدى. ‹‹بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق›› ناملىق ناخشىدا ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك كۈچى؛ ياڭگىر ئۇسسۇلى، مەشرەپ، خۇيزۇلارنىڭ خۇائېر ناخشىسى، رۇس ئۇسسۇلى... قاتارلىق كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىدا ئورگان كادىرلىرىنىڭ سالاپىتى نامايان قىلىنغانىدى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

    چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە زىياپەت سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئورگان، ئىدارىدىن ئايرىلىپ، يېزا – قىشلاق ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئامما بىلەن تۇغقان بولۇپ، سىردىشىپ، ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىستىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. شىنجاڭدا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بولۇپ كەلگەن. تۇغقانلار ئىزدىشىپ تۇرسا تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ، دوستلار سىردىشىپ تۇرسا ئىناق بولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشەنگەندە، باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلىغاندىلا، سىرداش، قەلبداش بولغىلى بولىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئالاقىسى كۆپەيگەنسېرى، تېخىمۇ ئېچەكىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى شۇنچە مۇستەھكەملىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىرىشىپ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆرپ – ئادىتىنى چۈشىنىپ، خاسلىققا ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ خىل بولۇشقا يول قويۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ھەمتۈرتكىلىك بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدىكى دوستلۇقى، مېھىر – مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

    ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن!›› چېن چۈەنگونىڭ سەمىمىي سۆزلىرىدىن ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما چوڭقۇر تەسىرلەندى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

    داستىخانغا گۆش، توخۇ قوردىقى، پولۇ كەلتۈرۈلدى، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن كەچلىك تاماق يېدى، كۆپچىلىك قىزغىن كەيپىياتتا قەدەھ كۆتۈرۈپ، بىر – بىرىگە بەخت تىلەشتى، سەمىمىي كۆزلەر، قىزغىن پاراڭلار، خۇشال كەيپىياتلار ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

    بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا شادىيانە مەشرەپ ئوينالدى، مەشرەپ ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، چېن چۈەنگو ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقىپ، مەيدان شاد – خۇراملىق، ئىتتىپاقلىق كەيپىياتىغا چۆمدى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001358765321