سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئادەم قۇتقۇزۇپ، ئاممىنى يۆتكەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تالاپەت ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىدىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-11-29

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە 6.7 بال يەر تەۋرەپ، بىر كىشى قازا قىلدى، 40 نەچچە ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى

    ئاپتونوم رايون تېزلىكتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

    11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سائەت 22 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى مۇجى يېزىسىدا 6.7 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 39.27 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 74.04 گىرادۇستا بولۇپ، ئادىمىزاتسىز ئېگىز تاغلىق رايونغا تەۋە، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر، ئاقتۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 165 كىلومېتىر، ئاتۇش شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 190 كىلومېتىر، يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن بولغان ئۇلۇغچات ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا يەر تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولدى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاقتۇ ناھىيەسى مۇجى يېزىسىنىڭ بۇلاق كەنتى قاراچى ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسىدا بىر كىشى قازا قىلغان؛ 41 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن؛ 55 ئېغىز ئۆيدىن چاك كەتكەن، 104 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن؛ يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر ۋاقتىنچە تالاپەتكە ئۇچراش ۋە مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالمىغان.

    يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئادەم قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى داۋالاپ ساقايتىش، ئاممىنى يۆتكەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تالاپەت ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىدىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر تەۋرەش، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار قالدۇق يەر تەۋرەشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاپەتتىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى؛ قىزىلسۇ ئوبلاستى دەرھال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، 3 – دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كېچىلەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى سەھەر سائەت 1دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تېزدىن ئەتراپلىق، كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى؛ يېزا – بازار كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنى ئۆيلىرىدىن چىقىپ بىخەتەر جايغا يۆتكىلىشكە سەپەرۋەر قىلدى، ۋاقتىدا چېدىر تىكىپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇردى؛ ئوبلاست، ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى، چېگرا مۇداپىئەسى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، قاتناش، يەر تەۋرەش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى بىرىنچى سەپكە تېزلىكتە بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللىدى، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدىدى. سەھىيە، داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا تېزلىكتە، بىخەتەر ھالدا يۆتكىلىپ، ۋاقتىدا داۋالاندى؛ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چېدىر، يوتقان، پاختىلىق چاپان، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ئالاقىدار ماددىي ئەشيالارنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا توشۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى كېچىلەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا بېرىپ، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، يەر تەۋرەش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

    ھازىر، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ مۇقىملاشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001358667511