سۇغۇرتا كەسپى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

作者:
来源: شىنجاڭ گېزىتى
日期: 2016-11-29

    شياڭ جۈنبو، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر ئەھۋال تونۇشتۇردى

    جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە سۇغۇرتا كەسپى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

    جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، رەئىس شياڭ جۈنبو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە سۇغۇرتا كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۈي، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

    شياڭ جۈنبو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پىلانىنى پۇختا تۈزۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    شياڭ جۈنبو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇش سۇغۇرتا كەسپىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىرىنچى، سۇغۇرتا مەبلىغى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، سۇغۇرتا مەبلىغىنى خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى، مۇھىت ئاسراش، كۈتۈنۈش، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، سۇغۇرتا كەسپى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش جېڭىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، سۇغۇرتا مەبلىغىنى نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاش كېرەك. ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ قانۇنىي ئىگە سۇغۇرتا ئاپپاراتى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى كۆپرەك تەسىس قىلىش، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپەت سۇغۇرتا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپى تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەۋپ – خەتەر تۆۋەن چېكىنى چىڭ ئىگىلەپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ سۇغۇرتا بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، شىنجاڭغا ئەقىل جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى سۇغۇرتا كەسىپلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوللىشى توغرىسىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن سىياسەت، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پائال ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا كەسپىدىكى تېز ۋە چوڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىدىيە ۋە تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەك يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى ماس يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، شىنجاڭ سۇغۇرتا بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتا قورالى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پائال ئالاقە باغلاپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇغۇرتا كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللاپ، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، قويۇق ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتا كەسىپلىرى تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ھەر قايسى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭدا تىجارەت قىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىشى كېرەك.

    يىغىندا جۇڭگو سۇغۇرتىسى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، تىنچلىق سۇغۇرتىسى، ئامانلىق سۇغۇرتىسى، تەيكاڭ سۇغۇرتىسى، ئەنباڭ سۇغۇرتىسى، قۇياش نۇرى سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001358667501