چېن چۈەنگو قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قوماندانى ۋاڭ نىڭ بىلەن كۆرۈشتى

作者:
来源: شىنجاڭ گېزىتى
日期: 2016-11-23

    شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قوماندانى ۋاڭ نىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ خەيلۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گۈەن يەنمى، سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ ئەيگو قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن، ۋاڭ نىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق ۋە ئىلھاملاندۇردۇق. بىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا شەرھلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى تىرىشىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، تىرىشپ ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ساقچى – خەلق ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، بولۇپمۇ مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەيۋەتلىك قوشۇن، مەدەنىيەتلىك قوشۇنلۇق ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى. قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەك قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

    ۋاڭ نىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولغاچ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. كېيىنكى باسقۇچتا، قوراللىق ساقچى قىسىم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلىگەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان، مۇقىم، مۇستەھكەم، سىجىل، قېلىپلاشقان مۇقىملىق خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001358519541