جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

作者:
来源: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
日期: 2016-11-14

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

چېن چۈەنگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا دوكلات بەردى، شۆھرەت زاكىر قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش. 

    29-ئۆكتەبىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، چېن چۈەنگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا دوكلات بەردى.

    29-ئۆكتەبىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
 
    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇقەددەس بۇرچى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلق تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
    چېن چۈەنگو ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش.
    شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا چىراغلار يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى، قىزغىن يىغىن كەيپىياتى كىشىنى روھلاندۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا، سەھنىنىڭ ئارقا تەرەپ ئوتتۇرا قىسمىغا ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى ئېسىلغانىدى، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك تىزىلغانىدى. زالنىڭ 2-قەۋەت بالكونىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يازايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغانىدى.
    قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
    ئىلگىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان ھەم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم رەھبەرلەر بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، يولداش ۋاڭ لېچۈەن مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
    شۆھرەت زاكىر قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاي چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىردەك ئۈنلۈك ئوقۇدى.
    بۈگۈنكى قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 721 نەپەر، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل تۆت نەپەر بولۇپ، قۇرۇلتايغا ئەمەلىي قاتناشقىنى 718 نەپەر، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.
    چېن چۈەنگونىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى جەمئىي 12 بۆلەكتىن تەركىب تاپقان: بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىپ، يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويۇش؛ ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىناق-ئىتتىپاق، باي-باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛ تۆتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ بەشىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش؛ ئالتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش؛ يەتتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سەككىزىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛ توققۇزىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئونىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ ئون بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئون ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.
    چېن چۈەنگو ئالدى بىلەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتنى يەكۈنلەش ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشنى خىزمەت ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشتە، ئومۇملۇقنى كۆزلەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، نىشاننى كۆزلەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئەلنى مايىل قىلىش، قورغاننى مۇستەھكەملەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، يېقىندىن تايىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، يەنى نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش ھەم ئۇلنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش كېرەك. ئېھتىياتچانلىق بىلەن سالماق ئىلگىرىلەش، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. بىز يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىمىز، شۇنداقلا تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئېرىشىمىز. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى» نى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىناق-ئىتتىپاق، باي-باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر باش نىشان» نى پۇختا تۇرغۇزۇش، يەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ «بىر جان تومۇر» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر نىيەتتە بولۇشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «ئىككى مۇھىم نۇقتا» نى ئىگىلەپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىقنى تۇتىدىغان، بىر بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتىدىغان ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسى قۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ «بىر مېخانىزم» نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قولدا زوراۋان، تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى، يەنە بىر قولدا ئەلنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىشنى تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ»، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ئاھالىلەرنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «بىر ياخشى ۋەزىيەت» نى يارىتىپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ياخشى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بالدۇر، كىچىكىدىن، تېز، ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، شەھەر-بازارلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى» نى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، خەلق تۇرمۇشىغا ئالدىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كۆپ يول ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش؛ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش؛ ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇش؛ ئىللىقلىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش؛ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرانى مۇقىم قىلىش، مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى دادىل يېتىشتۈرۈپ ۋە ئىشلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، ئىناق مەسچىت بەرپا قىلىش ۋە ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى باھالاش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ، قوغداپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلەش كۈچىنى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەسىر كۈچىنى، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچىنى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى زورايتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئىدىيەدە، يۆنىلىشتە، ھەرىكەتتە بىردەك بولغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ پەۋقۇلئاددە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىڭتۈەن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، راۋاجلىنىپ زورىيىشىنى، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق ۋە ئۈلگە رايونلۇق ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تۈپ گۈل-گىياھى، تاغ-دەرياسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ ھەمىشە ياپيېشىل، سۇلىرىنىڭ سۈپسۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئالاھىدە سىياسەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك.
    چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايدىكىلەرگە بەخت يارىتىش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە ئۈلگە تىكلەپ، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىساد ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كادىر ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    چېن چۈەنگو ئاخىرىدا مۇنداق چاقىرىق قىلدى: ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچىمىزنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئۈمىدنى ئاقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئىناق-ئىتتىپاق، باي-باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.
    چېن چۈەنگو دوكلات بېرىۋاتقاندا، يىغىن مەيدانىدا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى؛ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانىلىق، سىياسىي كومىسسارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان مۇئاۋىن قوماندانلىرى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانىلىق، سىياسىي كومىسسارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قۇرۇلتاينىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
    ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان شۇجىلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى؛ ئاپتونوم رايوندىكى نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك ئورۇنلار، رەھبىرىي كادىرلار ۋەكىل سانى تەقسىملەنمىگەن مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارە، شى دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايوندىكى نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇنلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايون (سانائەت رايون) بىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان مەسئۇللىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001358277511