يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

作者:
来源: شىنجاڭ گېزىتى
日期: 2016-11-14

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

    (2016–يىل 10–ئاينىڭ 29–كۈنى)

    چېن چۈەنگو

    يولداشلار:

    ھازىر مەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن.

    بۇ قۇرۇلتاي ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش.

    بىرىنچى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويدۇق

    ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىگەن، جاسارەت بىلەن شەرەپ قۇچقان بەش يىل، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز پۇختا قەدەم تاشلىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغ سەپىرىدە داغدام ئىلگىرىلىگەن بەش يىل بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –،4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

    ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەپ، مەركەزلىك تۈزەش ۋە زوراۋانلىق – تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مۇھىم، نازۇك مەزگىللەردە جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىغا، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

    ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. ئۇنىۋېرسال كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2010 – يىلىدىكى 543 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 2015 – يىلىدىكى 932 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 50 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن 133 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 3 تىرىليون 959 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكىسىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، نېفىتتىن باشقا كۆلەملىك سانائەتنىڭ نىسبىتى %39.5تىن %64.9كە، 3 – كەسىپنىڭ نىسبىتى %32.5تىن %44.7 كە يەتتى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلىدۇق ياكى قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق.

    خەلق تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشلىدۇق. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2010 – يىلىدىكى 4993يۈەندىن 2015 – يىلىدىكى 9425 يۈەنگە، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 14 مىڭ 480 يۈەندىن 26 مىڭ 275 يۈەنگە يەتتى. بەش يىلدا شەھەر، بازارلاردا يېڭىدىن 2مىليون 440 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، نامراتلاردىن 1 مىليون 730 مىڭنى ئازايتتۇق، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، 3 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. شەھەر، يېزىلاردا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورناتتۇق. مېيىپلەر ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئوقۇغۇچىلارغا يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە 5 مىليون ئادەم(قېتىم) ماددىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىرئوبلاستتا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

    مىللەتلەر – دىنلار ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ۋە ‹‹بەشنى تونۇش›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقىنى كۈنسايىن ئاشۇردۇق.

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونغا ئايرىش پىلانىنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، 12 مىليون 740 مىڭ مو يەردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدۇق، ئورماننىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %4.7 كە يەتكۈزدۇق. 150 مىليون مو ئوتلاقتا يايلىتىشنى توختاتتۇق، ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان كۆلەمنى 540 مىليون موغا يەتكۈزدۇق، دەريا، كۆل سۈيى سۈپىتىنىڭ ئەلالىق نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق. تەڭرىتاغنى دۇنياۋى تەبىئىي مىراس تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۇنياۋى تەبىئىي مىراس بولماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بەردۇق.

    دېموكراتىيە – قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق.

    مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق. مەدەنىيەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردۇق، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى – تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001358276701