چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:33:47

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بايراق ۋە يۆنىلىش، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما. باش نىشاننىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئۈزلۈكسىز ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، راۋاجلانغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، قانىيبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاتناشتى.

    چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان زور ۋەزىپە ھەم تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي ۋەزىپە. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى تەڭشەپ تولۇقلاش يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، مەۋقە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە رايون ئەھۋالىغا قويۇلغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كەسكىن ۋەزىيەتتىكى مۇقەررەر تاللاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ باش نىشاننى ئادا قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلىشىش، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى. شۇڭا، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى تەڭشەپ تولۇقلاشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر. شۇڭا، بىرىنچىدىن، باش نىشاننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى كۆزلىمە نۇقتا ۋە كۈچەش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

    رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قايتا – قايتا، چوڭقۇر ئۆگىنىشى، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئۈلگە بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تاراتقۇ، لېكسىيە سۆزلەش كۈچلىرى، ‹‹ئۈچ ئەل››پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇنىڭدىن ھەممە ئائىلىنى، ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلىش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ باش نىشاننى ئىدىيەدە، ئىش ئورنىدا، ھەرىكىتىدە، خىزمەت ئۈنۈمىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، باش نىشاندىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئومۇمىيىتىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم پىرىنسىپ، فاڭجېن – سىياسەت، ئومۇمىي لايىھە، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىقنى، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، رايون، تارماق ھالقىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەركەزلىشىش، بىر تۇتاش بولۇش، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇش، قولاي بولۇش، تېز بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش، ئەمىر – پەرمان راۋان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەم قوماندانلىق قىلىپ ھەم جەڭگە ئاتلىنىپ، ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەردە ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشنى، لايىھەلەشنى، ماسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ۋەزىپىلەرنى تەقسىملىشى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ، كۆزدىن ساقىت قىلماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم، مەسئۇلىيەتنى يەتكۈزۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى رەھبىرىي كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ ، ناچارلىرىنى جازالاپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىپ، ياخشى قىلغان بىلەن ياخشى قىلمىغاننى ئېنىق ئايرىيدىغان ياخشى يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇش كېرەك.(تامام)

010020070830000000000000011100001358276661