قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرايلى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى ئورتاق گۈللەندۈرەيلى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:33:47

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرايلى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى ئورتاق گۈللەندۈرەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى چېن چۈەنگو 28- سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تاشبۇلاق ئارقا كوچا مەھەللىسىدىكى ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

    دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى مەيىن شامالدا لەپىلدەيتتى، چوڭ قىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەممە يېرى ئىناقلىققا، بايرام شادلىقىغا چۆمگەنىدى. چېن چۈەنگو باشتا تاشبۇلاق ئارقا كوچا مەھەللىسىگە بېرىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مۇقىملىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزىگە، بىر كۆزنەكتە مۇلازىمەت قىلىش زالىغا كىرىپ، مەھەللە ئامانلىقى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە بەلبېغى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇستەھكەم پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

010020070830000000000000011100001358276651