باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:33:47

 چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ ھال سورىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

    باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى ج خ نۆۋەتچىلىك نۇقتىلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ، مۇقىملىق ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى ج خ نۆۋەتچىلىك نۇقتىلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ، مۇقىملىق ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى پېڭ جيارۈي ھال سوراشتا بىللە بولدى.

    چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەم ئەڭ كۆپ توپلىشىدىغان، كېلىپ – كېتىدىغان تۆۋەن قوۋۇق سودا چەمبىرىكىدىكى شىنخۇا شىمالىي يولىغا جايلاشقان 11 – ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا كۆۋرۈك 3 – كوچىسىدىكى شىنخۇا 4 – نومۇرلۇق بىنا، ‹‹مۇۋەپپەقىيەت›› سودا مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى ج خ نۆۋەتچىلىك نۇقتىلىرىغا بېرىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ساقچى كۈچى سەپلەش، قولاي مۇلازىمەت قىلىش، مەلۇمات قوبۇل قىلىش ۋە مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.

010020070830000000000000011100001358276641