ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:33:47

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى يىغىندا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپىنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنى تىرىشىپ بىر قېتىملىق دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ مەدەت بېرىدىغان قۇرۇلتاي، بىر قېتىملىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلتاي، بىر قېتىملىق ئىرادىنى چىڭىتىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان قۇرۇلتاي، بىر قېتىملىق راستچىل – ئەمەلىيەتچىل، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ياخشى بىر دوكلاتنى قاراپ چىقىپ شەكىللەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، نىشاننىڭ ئېنىق، ۋەزىپىنىڭ ئايدىڭ، تەدبىرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال، ئىستىلنىڭ ئەمەلىي بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان يېتەكلەش خاراكتېرلىك ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ياخشى بىر بەنزىنى سايلاپ چىقىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سايلام خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، تەشكىلات – كادىرلار ئىشلىرى جەھەتتىكى ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كادىرلار خىزمىتىدە تەرتىپنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىككە، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھوقۇقنى ياخشى ئىشلىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك بەنزىسىنى سايلاپ چىقىشىمىز كېرەك. ياخشى ئىستىل تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەشنى، ئاگاھلاندۇرۇشنى، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا، شۇنداقلا قۇرۇلتايدا يىغىن ئىستىلىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك.

010020070830000000000000011100001358276631