ج ك پ شىنجاڭ ھەربىي رايونى 12–قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:04:48

چېن چۈەنگو قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى 12 – قۇرۇلتىيى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى چېن چۈەنگو قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ۋە ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

    قۇرۇلتايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ماقۇللاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى. 1 – ئومۇمىي يىغىندا چېن چۈەنگو شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىلىقىغا، لى ۋېي شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ شۇجىلىقىغا، پېڭ يۇڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ھەربىي رايونى 11 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ھەربىي رايون پارتكومى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي، ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا قەتئىي، كۈچلۈك بولۇپ، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، قىسىمنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى مەركەز قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇندىدى، قىسىم قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى قىسىملىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قىسىم قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.

    بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەتتە ئىزچىل يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى، قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆت ئاچقۇچنى مەھكەم تۇتۇش كېرەك. غايە، ئېتىقادنى ھەقىقىي، پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى، سىياسىي خىزمەت نوپۇزىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، پەزىلەتلىك يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۈلپەت ئېڭى، خىرىس ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق روھىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي رايون قىسىملىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر چاقىرسا دەرھال كېلەلەيدىغان، كەلسە ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشسا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، جەڭ قىلغۇچى ئەترەت، خىزمەت ئەترىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى جەڭ قىلغۇچى ئەترەت بولۇپ، چېگرانى قەتئىي قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش؛ ياخشى خىزمەت ئەترىتى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلايدىغان پولات ئىستىھكامنى بىرلىكتە، ئورتاق مۇستەھكەملەش؛ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇپ، ھەربىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش بىلەن بىللە شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك.

    تۆتىنچىدىن، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرىكىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كۈچنى بىرىكتۈرۈشى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە قۇرۇشى، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ مەقسەتداش بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەربىي بىلەن خەلق بىرىككەن چوڭقۇر تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قىسىملار يەرلىكنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، يەرلىكمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەربىي – خەلق ئىتتىپاقلىقى ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىي – خەلق قوش يۆنىلىشلىك ئۆگىنىش، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت قوش يۆنىلىشلىك ياردەم بېرىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىدىغان، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق ۋەزىيىتىنى، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

    لى ۋېي ج ك پ شىنجاڭ ھەربىي رايونى 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، پېڭ يۇڭ قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ج ك پ شىنجاڭ ھەربىي رايونى 12 – قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەربىي رايون يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتكوم بەنزىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇپ، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىسلاھاتنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراقۇرۇم روھىغا باشلامچىلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ۋەزىپە – مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى؛ قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كوماندىر – جەڭچىلەرنى يېتەكلەپ، قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى؛ يېڭىدىن سايلانغان ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەربىي رايونى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چوقۇم بارلىق ۋەكىللەرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، زىممىسىدىكى ئېغىر بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

    قۇرۇلتايدىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ‹‹ قاراقۇرۇم روھى ›› باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.‏(تامام)‏

 

010020070830000000000000011100001358275561