شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ئاچتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:04:48

ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، چېن چۈەنگو قاتناشتى، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى

    60 يىللىق شانلىق مۇساپە، 60 يىللىق شانلىق نەتىجە. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 15 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش داغدۇغىلىق چوڭ يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كونا – يېڭى مەكتەپداشلار جەم بولۇشۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

    تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىنقى گەۋدىسى يېڭى جۇڭگونىڭ ‹‹1 – بەش يىللىق›› پىلانىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ قۇرغان 156 نۇقتىلىق تۈرنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى بولۇپ، 1998 – يىلى شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى ئىنستىتۇتى بىلەن قوشۇلۇپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قۇرۇلغان ھەم بۇ يىل دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە قۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ تەستىقلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوقۇتۇش، تېببىي داۋالاش، پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تېىببىي ئالىي مەكتەپكە ئايلاندى.

    بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11دە، تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىغا جور بولۇپ باشلاندى.

    شۆھرەت زاكىر تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي ئالىي مائارىپى ۋە تېببىي سەھىيە سىستېمىسىدىكى بىر چوڭ ئىش. شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى – خىزمەتلەرنى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، مېھمانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي ئالىي مائارىپى ۋە تېببىي – دورىگەرلىك، سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەم مەدەت بەرگەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر – مۇھەببىتىگە، مەملىكەت خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 60 يىلدىن بۇيان مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، مەملىكەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، دۇنياغا يۈزلەندى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم ئەۋزەل، ئۆزگىچە پەنلەرنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نۇرغۇن تېببىي خادىملارنى، سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ قۇرۇش – باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، شۇنىڭدەك يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش مۇھىم تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، نىشاننى ‹‹دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئىلغار بولغان، ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەلىك تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت›› قۇرۇشتىن ئىبارەت مەكتەپ قۇرۇش نىشانىغا قارىتىپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن بىللە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىرلىكتە قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەلگىلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك شارائىت يارىتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي ئالىي مائارىپى ۋە تېببىي – دورىگەرلىك، سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

    تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىلى، مەكتەپداشلار ۋەكىلى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

    ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن غانىيبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، مەنىن زەينىل، كادىرقان مىراسقان، لۇ شياۋفېڭ، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھەمكارلىشىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى، يىپەك يولى خەلقئارا تېببىي ئىشلار مەركىزى (ئىتتىپاقى) تېببىي ئىنستىتۇت ۋە مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك مائارىپ، تېبابەت ساھەسىدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە مېھمانلار ھەم 3000 غا يېقىن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى.‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001358275461