ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا پىكىر ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:04:47

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 15 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ خەيلۇن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، پېڭ جيارۈي، چېڭ جېنشەنلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

    سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى دۇڭ شىنگۇاڭ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى نيۇ رۇجى، جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى يۇ جياڭبىن، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جاڭ لىبىن، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خەن شېنگۈي، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى جيەنخۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چېڭگۇڭ، لۇەن لىشىن، پارتىيە – گۇرۇھسىز زات ئىلزات زادە، پەرھات ئابدۇرېھىم، بۇھەجەر ئابلا قاتارلىقلار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: دوكلاتتا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى نامايان قىلىنىپتۇ، نەتىجىلەرنى يەكۈنلەشتە، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلىپتۇ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشتا، ئوبيېكتىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپتۇ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىلمىي، ئەمەلىي بوپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان، تەدبىرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، دوكلات كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. كۆپچىلىك يەنە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا، كونكرېت پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    چېن چۈەنگو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. چېن چۈەنگو ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن تەشەككۇر بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، نۇرغۇن ئاقىلانە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل قوبۇل قىلىمىز. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك دوكلات تۈزۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، دوكلاتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش جەريانى، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەريانى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانى، كۈچنى توپلاش جەريانى قىلىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. بىرىنچى، باش نىشاننىڭ زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتكە ئاساسەن چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىلمىي بەلگىلىگەنلىك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بۇ باش نىشانغا بويسۇنۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، باش نىشاننىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى چۈشىنىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى؛ شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا ھەممە نەرسىنىڭ نۆلگە تەڭ بولىدىغانلىقى، مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى؛ جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرگىلى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك. ئۈچىنچى، باش نىشاننىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئىگىلەش كېرەك. ‹‹بىر باش نىشان››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بىر جان تومۇر››نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا››نى ئىگىلەپ، ‹‹بىر يۈرۈش ياخشى مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ››، ‹‹بىر ياخشى ۋەزىيەت››نى بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، باش نىشاندىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سۇپا قىلىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ دىنلار ئىناقلىقىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق بولۇش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، مىللەتلەر ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىناق تەرەققىي قىلىش؛ ئاسمان كۆپكۆك، يەر ياپيېشىل، سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇشنى نىشان قىلىپ، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، باش نىشاننى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىنتىزامدا كەسكىن بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىش؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئالتىنچى، باش نىشاننىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك.‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001358275181