يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:04:47

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››،‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى››گە قاراپ چىقىلدى

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››، ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى››گە قاراپ چىقىلدى.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيە، تونۇشنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىگە پائال قاتنىشىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى سۇپا. شۇڭا يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹يېشىل، ساغلام، ئەقلىي، تىنچ يىپەك يولى بەرپا قىلىش›› مۇھىم يوليورۇقىغا ئاساسەن، ‹‹ئۈچ يول››، ‹‹ئۈچ بازا››، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› ۋە ‹‹ئون چوڭ ئىمپورت – ئېكسپورت كەسىپلىرى كۆجۈم رايونى›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتكە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، ئالدى بىلەن ئومۇملۇققا چېتىلىدىغان بىر نەچچە ھالقىلىق خىزمەت، بىر نەچچە نۇقتىلىق تۈرنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىش كېرەك. تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، ئەمەلىي، چىڭ، ياخشى تۇتۇش؛ ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، سىياسەت، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بەشىنچى، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى تەشۋىقاتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، داغدۇغا پەيدا قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىقتىسادنىڭ يېڭىچە ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، يېڭى مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى يول ئېچىپ، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› نىڭ ئەھمىيىتى، تېخنىكىسى، سىياسىتىنى كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىستېمال ئېڭىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› خىزمىتىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، كەسىپ سىياسىتىنى ئىگىلەش كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولىدىغان بەش چوڭ تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ياخشى ئېنېرگىيەنى ئىستېمال قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، پەرقلىق توك باھاسى ئارقىلىق كەسىپ سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئاۋۋال يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جايلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپتە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى تۈرىنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېلېكتىر بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، توك خېرىدارلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆۋەن توك باھاسى ئارقىلىق خەلققە، كارخانىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يانداشما سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماس كېلىدىغان يانداشما سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ئېلان قىلىپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش كېرەك. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەمۇرىيەت، ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

    ئاپتونوم رايون ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، غانىيبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچىلار يىغىنغا قاتناشتى.‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001358274651