ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 – ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:04:47

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

    يىغىندا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 13 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى

    يىغىندا ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، دوكلاتنى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆز قىلدى

    ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

     ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 – ئومۇمىي يىغىنى 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، ۋالىيلىرى، ئوبلاست (شەھەر) باشلىقلىرىمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

    يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

    يىغىندا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، شۇنداقلا ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يىغىندا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 13 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 13 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى شاۋلىنغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىشنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    يىغىن ئاخىرلاشقاندا، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى›› قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى ئېچىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى، ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى›› رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسلارنى يېڭىپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەنگەن، ئومۇمىيەت تولۇق ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، ئەمەلىي، يېڭىلىق يارىتىلغان، بۇ بىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلىشىمىزغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ھەم ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق ئەھمىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، چوڭقۇر، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېزدىن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كۆپ خىل يېزىقتا توپلام قىلىپ تۈزۈپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن بېسىپ تارقىتىش كېرەك. ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە يادرو ئېڭىنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەك بولۇپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلاپ، زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش، ھەم دېموكراتىيە، ھەم ئىنتىزام، ھەم ئەركىنلىك، ھەم بىرلىككە كەلگەن ئىرادە، ھەم شەخسلەرنىڭ كۆڭلى ئازادە، جانلىق، تېتىك بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ھەممە جايدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ كۈچنى تولۇق قوزغىتىپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتقا قەتئىي ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئەڭ چوڭ نەتىجە دەيدىغان قارىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ 1 – جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىش كېرەك. شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تارىخىي بۇرچ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنى تىرىشىپ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئىتتىپاقلىققا ئىلھام بېرىدىغان، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان كاتتا يىغىن قىلىپ ئېچىپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قۇرۇلتاي دوكلاتىغا ياخشى قاراپ چىقىش ۋە ئۇنى ياخشى مۇزاكىرە قىلىش. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا، دوكلاتقا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، دوكلاتقا قاراپ چىقىش جەريانىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىغا، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش جەريانىغا، دوكلاتنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، دوكلاتنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، قوزغىتىدىغان ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاپ چىقىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيەۋىلىككە، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھوقۇقنى ياخشى ئىشلىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ياخشى يىغىن ئىستىلىنى ساقلاش ئاچقۇچ. يىغىنغا قاتناشقان ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر، ھەر بىر يولداش مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامى توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش مۇھىتىنىڭ پاك، دۇرۇس بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي ئىنتىزام، يىغىن ئىنتىزامىدا قاتتىق بولۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك، ئەمەلىي، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، كۆتۈرەڭگو روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ياخشى يىغىن ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان، تېخىمۇ غەيرەتكە كەلگەن ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقنى رازى قىلىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!‏ (تامام)‏

 

010020070830000000000000011100001358274211