يولداش چېن چۈەنگونىڭ تەرجىمىھالى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:18:21

  چېن چۈەنگو، خەنزۇ، 1955-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن پىڭيۈدىن. 1976-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1973-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى.

    1973-يىلى 12-ئايدىن 1977-يىلى 3-ئايغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1-جۈن 3-شى توپچىلار تۈەنىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.

    1977-يىلى 3-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان.

    1978-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 12-ئايغىچە جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتى سىياسىي ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان.

    1981-يىلى 12-ئايدىن 1983-يىلى 10-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى پىڭيۈ ناھىيەسى شىنديەن گۇڭشېسىدا خىزمەت قىلغان.

    1983-يىلى 10-ئايدىن 1985-يىلى 4-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان (مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك).

    1985-يىلى 4-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

    1988-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 9-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

    1992-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 2-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

    1994-يىلى 2-ئايدىن 1996-يىلى 3-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

    1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان. (1995-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە ۋۇخەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان).

    1998-يىلى 1-ئايدىن 2000-يىلى 11-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2000-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2001-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

    2003-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

    2004-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 11-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

    2005-يىلى 11-ئايدىن 2009-يىلى 11-ئايغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، خېنەن مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

    2009-يىلى 11-ئايدىن 2010-يىلى 1-ئايغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2010-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2011-يىلى 8-ئايدىن 2016-يىلى 8-ئايغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىزاڭ ھەربىي رايونى پارتكومنىڭ بىرىنچى شۇجىسى بولغان.

    2016-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

    پارتىيە 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

010020070830000000000000011100001358274181