پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى كەم–كوتسىز قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:20:19

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى كەم–كوتسىز قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى كەم – كوتسىز قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، خىزمەتنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئىستىلدا ئەمەلىي بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، قەتئىي پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، خەلققە ھەقىقىي مۇھەببەت باغلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ياخشى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەڭشىلىشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئاسرايدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنزىسى، بولۇپمۇ يولداش جاڭ چۈنشيەن باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سالغان مۇستەھكەم خىزمەت ئاساسىدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

010020070830000000000000011100001358274171