ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:20:19

   چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 30 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بالدۇر تۇتۇش، دەسلىپىدە تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇل بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يولداش جاڭ چۈنشيەن باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەرنى، شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سادىقلىق بىلەن ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئېسىل ئىستىلىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك.

010020070830000000000000011100001358274161