2016–يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى شىنجاڭدا داغدۇغىلىق باشلاندى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:19:10

 چېن چۈەنگو كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، شۆھرەت زاكىر، ياڭ شۇئەن سۆز قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 2016 – يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

    ‹‹تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭدا جەم بولايلى››. 2016 – يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى 2 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان يەنە بىر مەملىكەتلىك كاتتا تەنتەربىيە مەرىكىسى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم 2016 – يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قارشى ئېلىش نۇتقى سۆزلىدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ شۇئەن باشلىنىش نۇتقى سۆزلىدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، شى داگاڭ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فۇمىڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ ئەيشىڭ ۋە داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن ۋۇ جىڭيۈ، خې كېشىن، گاۋ مىن، لى نىنا قاتارلىقلار كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ھەم ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تارىختىن بۇيان تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيۈپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى جۇلالىق، رەڭدار، مول ۋە مەزمۇنلۇق. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يەر شەكلى ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى شىنجاڭنى دالا تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى كەسپى تەدرىجىي زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

010020070830000000000000011100001358274151