ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:19:01

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 3–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1–سېپىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، ‹‹جەڭ››لەرنى بىر–بىرلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹جەڭ››لەردە بىر–بىرلەپ غەلىبە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو ج خ نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى قوماندانلىق مەركەزلىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش 1–سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلار، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ج خ رەسمىي قىسىمىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر، بىڭتۈەندىكى كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسىمى خادىملىرى، سىياسىي–قانۇن كادىر، ساقچىلىرى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما، ھەرقايسى كۈچلەر دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تونۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەدبىر ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

010020070830000000000000011100001358274131