چېن چۈەنگو قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئازسانلىق مىللەت پېشقەدەم رەھبەرلىرىنى يوقلىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:18:54

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى جانابىل ئىسماقۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ماھىنۇر قاسىم قاتارلىق پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۈرۈمچىدە بولمىغاچقا، چېن چۈەنگو ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا ئۇلارغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

    گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، مېۋە – چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالغان پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ ئۆيلىرى ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمگەنىدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىندى.

    پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق ئىشلارغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، پارتىيە ۋە خەلق بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم، تەجرىبىسى مول، يۈز – ئابرۇيلۇق، تەسىر كۈچى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمىتىگە بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللىشىنى سەمىمىي ئىلتىماس قىلىمىز.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا خىزمەتكە كېلىپلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىدە شاد – خۇراملىققا تولغان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چېن چۈەنگو ئۆزىنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىنى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مۇھەببىتىنى يەردە قويماي، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى، شۇنداقلا تەستە قولغا كەلتۈرگەن مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقى، دائىملىقلىقىنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى شىنجاڭ سەھپىسىنى ياخشى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، جانابىل ئىسماقۇل، ماھىنۇر قاسىم قاتارلىقلار يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى، يولداش چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆز ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ، قىزغىن ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكىچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي يوقلاشتا بىللە بولدى.(تامام)

010020070830000000000000011100001358274111