چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:18:48

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

   32 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن قاتارلىق رەھبەرلەر 8 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈزەلنۇر مەمەتجانمۇ، ئانىسىمۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى. چېن چۈەنگو ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمى، تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. گۈزەلنۇر چېن چۈەنگوغا مۇنداق دېدى: ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، مەكتىپىمىزدە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىللە ئوقۇيدۇ، بىللە ئوينايدۇ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ، سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار ناھايىتى ئىناق. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە ياشايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مۇشۇ چوڭ ئائىلىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئوقۇتقۇچىلار ئىش – ھەرىكەتتە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

    چېن چۈەنگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى جيا جېنخۇڭنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى، خىزمەت شارائىتى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللانى تەپسىلىي سورىدى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىستۇدېنتلار، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى سىنىپلارغىچە قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك تايانچقا ئىگە قىلىش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، مائارىپ سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىش، خەلق رازى بولىدىغان ياخشى مائارىپ بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

    بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە كۆيۈنۈش، ئوقۇتقۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹غايە – ئېتىقادلىق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، بىلىملىك، مېھىر – مۇھەببەتلىك بولۇش›› مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، ئالىيجاناپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا ئىگە، كەسىپتە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي، ئاڭلىق ئېتىقادچىسى ۋە سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈشىنى؛ ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپچانلىق ۋە كەسىپ ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاق ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى ئۇستازى ۋە سىردىشى بولۇشىنى؛ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىلىمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئوقۇتۇش ئېڭىنى يېڭىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

010020070830000000000000011100001358274091