ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا پېشقەدەم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن ھال سورىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:18:42

    مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇنىڭغا ئۇلىشىپ تاۋۇز چاغىنىمۇ كېلەي دەپ قالدى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

    پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، ھور ئۆرلەپ تۇرغان مەززىلىك ئەتكەن چاي، مېۋە – چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى، كۈلكە – چاقچاقلار... پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاددىي، چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيلىرى بايرام شادلىقىغا چۆمگەنىدى.

    چېن چۈەنگو، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي قاتارلىق رەھبەرلەر ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىد، جانابىل سىماقۇل، ماھىنۇر قاسىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئالاقىدار يولداشلارغا ئۈرۈمچىدە بولالماي قالغان تۆمۈر داۋامەت، ئابلەت ئابدۇرېشىتقا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. چېن چۈەنگو پېشقەدەم يولداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ياشلىق باھارىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، مۇھىم تۆھپە قوشقان، ئۇلار سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ تۆھپىكارلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. بىز ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەجرىبە ئەۋزەللىكى، ئىناۋەت ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

    شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو قاتارلىق رەھبەرلەر قۇربان روزى، شېرىپخان قارىم، قىزايجان سېيىلقوجا، مەمەتھەسەن توختالى، پاشا ئىشان، سۇلايمان نىيەتقۇل، دىيار قۇماش، بېكمۇقاممەد مۇسانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن بايراملىق ھال سورىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان، ھازىر گەرچە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى توغرىسىدا كۆپرەك تەكلىپ – پىكىر بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق يول ۋە چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

010020070830000000000000011100001358274061