چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارغا ھال سوراش خېتى ئەۋەتتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:18:35

   تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. ھال سوراش خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

    8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، يولداشلار:

    تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەردىن بايراملىق ھال سورايمىز ۋە سىلەرگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز!

    پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. 1996 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، ئارىدىن 20 يىل ئۆتتى. 20 يىل كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئەمەلىي نەتىجىلەر يارىتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كۈچەپ قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈملىگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتى، ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىندىشى دەپ بىلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ 8 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى تاشلاپ، كۆپچىلىكنى ئويلاپ، مېھىر - مۇھەببىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن شىنجاڭغا ئۆزلىشىش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشقا قاتنىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ساداقىتى، ئېتىقادىنى شىنجاڭغا ئاتاپ، مېھىر - مۇھەببىتىنى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىغا بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى سىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ!

010020070830000000000000011100001358274031