مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مەريەمگۇل     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:54:16

    مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇ چىمىڭ لېكسىيە سۆزلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    شۇ چىمىڭ دوكلاتىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى گەۋدىلىك ياخشى باشقۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر يېشىپ بەردى. دوكلات جانلىق، تېمىسى ئېنىق، مەزمۇنى مول، سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەخسۇس يېتەكچى دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

    چېن چۈەنگو دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىنى ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش نەزەردە تۇتۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەخسۇس تېما بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىرقانچە مىزان››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى›› رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ ۋە ئابىدە خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

    بىرىنچىدىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەينەن، تەكرار، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مىزان ۋە نىزامنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ھەر خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئادەم، ۋاقىت، مەزمۇن ۋە ئۈنۈمدىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، كەنتتىكى ھەممە ئائىلىلەرگە يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىي ئىنستىتۇتلار) ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى ۋە ئاساسىي سىنىپلارنىڭ تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، قارار، تۈركۈم، قاتلاملار بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشى كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، كۆپ خىل شەكىلدە، كەڭ دائىرىدە ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك. تاراتقۇلار ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەدەم – باسقۇچلار بويىچە زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى كۆپ خىل يېزىقتا كىتابچە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك. مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى تاللاپ، لېكسىيە ئۆمىكى ئۇيۇشتۇرۇپ، لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ياخشى يېزىپ چىقىپ، ‹‹ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› تەشۋىقات پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ھەم دېموكراتىك، ئىنتىزامچان، ھەم ئەركىن، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە، ھەم شەخسلەرنىڭ روھىي ھالىتى ئازادە بولغان، جانلىق – تېتىك بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەخسۇس نازارەت قىلىش، پارتىيە خىزمىتى تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى دائىملىق نازارەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لاردا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئەڭ چوڭ نەتىجە دېگەن قاراشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

    دوكلات يىغىنى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى دوكلات يىغىنىغا ئاپتونوم رايوندىكى ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلىرى ۋە قىسمەن ھاكىم دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ۋەكىللىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.(تامام)

010020070830000000000000011100001358273861