ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان ئارقىلىق، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-11-14 11:18:29

چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان ئارقىلىق، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش– قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1– شۇجىسى، 1– سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو 14– سېنتەبىر سانجى شەھىرىنىڭ مىنچاڭ خۇيزۇلار يېڭى كەنتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، ئۇيغۇر كەنت ئاھالىسى سەمەتجان مۇھەممەدنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇربان ھېيتى ۋە تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئائىلە ئىشلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ھەققىدە پاراڭلاشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو 14-سېنتەبىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلققە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىش كېرەك.

    ئالتۇن كۈز پەسلىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە چۆمگەنىدى. چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى، يېزا، كەنتلىرى، مەسچىتلەرگە بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلىرى ۋە دىنىي ساھەدىكى ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان زاتلارنى سەمىمىي يوقلاپ، ئۇلارغا قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

010020070830000000000000011100001358271971