سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %66 كە يەتتى

مۇھەررىر: 编辑:帕提古丽
مەنبەسى: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى‏
يوللانغان ۋاقىت: 2016-05-11

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 10-ماي تېلېگراممىسى: ( مۇخبىر ئاينۇر) دۆلەت ۋە ئاپتونوم ‏رايوننىڭ مايىل خاراكتېردىكى سىياسىتى ھەمدە زور سوممىلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ‏ياردىمىدە، ئۇزۇن مەزگىل مائارىپى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل ‏مائارىپى « سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىش » نى ئەمەلگە ‏ئاشۇرۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %65 كە يەتتى. 1 مىليون 270 مىڭغا يېقىن يەسلى ھەمدە ‏ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى.‏

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا نۆۋەتتە ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى 2 يىللىق قوش ‏تىل مائارىپى نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي ‏شىنجاڭدا قوش تىللىق يەسلىدىن 1700 دىن ئارتۇق قۇرۇلغان، يەسلىگە كىرگەن بالىلار ‏‏350 مىڭغا يەتكەن.(تامام) (ئابىدە رېىشت تەرجىمىسى)‏ 

[پاتىگۈل]
010020070830000000000000011100001353510051