شىنجاڭ «13-بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق مائارىپ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر:  پاتىگۈل     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-11 17:24:36

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى :(مۇخبىر ئاينۇر)  كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە،شىنجاڭ داۋاملىق مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ،جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىنى نۇقتىلىق قىلىپ،پۈتۈن رايون ئىچىدە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ،مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە،«13-بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە،دۆلەت مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ شىنجاڭنىڭ قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ ھەمدە نۆۋەتتىكى يېزا مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى كاپالەت مېخانىزىمىنى ئىلگىرىكى 2 يىلدىن 3يىلغا ئۇزارتىپ، مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق مائارىپنى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشپ،2020-يىلغا بارغىچە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى 3 يىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى %85 كە ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن ،بۇ يىل دۆلەت ئالدىنئالا 1مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ،پۈتۈن رايون تەۋەسىدە يېڭىدىن 552يۇقىرى ئۆلچەمدىكى قوش تىللىق يەسلى قۇرۇپ چىقىدۇ،نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قارىتىدۇ.قاتتىق دېتالنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ،2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ،شىنجاڭ «شىنجاڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق ئالاھىدە تەسسىس قىلىنغان خىزمەت ئورنى پىلانى» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق،جەنۇبى شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىدىكى 14مىڭ نەپەر مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلايدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،«13-بەش يىللىق پىلان»مەزگىلىدە،شىنجاڭ يېزا قوش تىللىق يەسلىلەردىن 2500نى قۇرۇپ چىقىپ،يېزا مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق مائارىپ خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمى قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق،پۈتۈن رايوندىكى مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى 2 يىللىق قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى %59دىن %77كە يەتكۈزۈپ،يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ سانىنى 480مىڭغا يەتكۈزىدۇ. (پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)

010020070830000000000000011100001353505421