ئالتاي ۋىلايىتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا مۇۋاپىق كۆلەمدە باقمىچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ ئوتلاقنىڭ بېسىمىنى كېمەيتتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  پاتىگۈل     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-11 17:16:22

    شىنخۇا ئاگنېتلىقى ئۈرۈمچى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇي): ئوتلاقنىڭ بېسىمىنى كېمەيتىپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمىدە، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆلەمدە باقمىچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇشنى تېزلەتتى.

    ئالتاي ئوتلىقى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ئوتلاقلىرىدا ھەر بىر چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ تەخمىينەن نەچچە ئونلىغان كالا-قويى بولۇپ، كۆلەملىك باقمىچىلىقنىڭ ئائىلىلەردە ئىگىلىگەن ئومۇمىي سانى نىسبىتى بىر قەدەر ئاز ئىدى. ئەنئەنىۋىي ئوتلىتىپ بېقىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، تەبئىي ئاپەتلەرگە قارشىلىق تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۇزۇن مەزگىل بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ئىدى. بىراق يەرلىكتىكى ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە قوي پادىلىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن.

    بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى مۇكاپاتلاش ۋە تۇلۇقلىما بېرىش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، چارۋىچىلار تەدرىجىي ھالدا « ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلىق »تىن « ئىللىق پەسىلدە ئوتلىتىش، سوغۇق پەسىلدە بوغۇز بېرىش »كە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چارۋىچىلىق تارماقلىرى ئوخشىمىغان پەسىلدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئوت ئەھۋالى، مەھسۇلات مىقدارى، رايون ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، پادىلارنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق بەلگىلەپ، ئوتلاق –چارۋا زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەپ، تەبئىي ئوتلاقنىڭ بېمىسنى تۆۋەنلەتتى.

    ھازىر « توپلىشىپ ۋاكالىتەن باقمىچىلىق قىلىش » چارۋىچىلىق رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسلىق شەكللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئونمىڭلىغان چارۋىچى ئائىلىسىدىكى ئونمىڭدىن ئارتۇق كالا-قويلارغا كەسپىي پادا باققۇچى قارايدۇ.« توپلىشىپ ۋاكالىتەن باقمىچىلىق قىلش » بولسا، بىر قانچە قۇشنا چارۋىچىلارنىڭ چارۋىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بىر « ۋاكالىتەن باقمىچى » ئوتلاقتا پادىلىتىدۇ. بۇ كۆلەملىك تىجارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە چارۋىچىلىق رايوندىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازات قىلدى.

   تەبئىي ئوتلاق نام چىقارغان ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شىمالىغا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، روسىيە، قازاقىستان ۋە مۇڭغۇلىيە دۆلىتىگە تۇتاش بولۇپ، تەۋەلىكىدىكى ھەر قايسى شەھەر –ناھىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالتاي تېغىغا جايلاشقان.(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)

010020070830000000000000011100001353505401