شىنجاڭ ئېتىز-ئېرىقلاردىكى ئاق رەڭلىك بۇلغىمىلارنى تەرتىپكە سالدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  پاتىگۈل     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-09 17:36:55

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى: (مۇخبىر سۇ چۈەنيى،جاۋچۈنخۇي) 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ يېزا –ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزۈل –كېسىل ئالاھىدە نېپىز سۇلياۋ يوپۇق بىلەن خوشلىشىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە نېپىز سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش قاتارلىقلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئېتىز-ئېرىقلاردا ئاق رەڭلىك بۇلغىما ئىشلىتىش تەرتىپكە سېلىنىدۇ.

    « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېتىز-ئېرىق سۇلياۋ يوپۇق باشقۇرۇش نىزامى» 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇ نىزامدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئېتىز-ئېرىق سۇلياۋ يوپۇقىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە بېرىلىدىغان جازالاش ئېنىق بېكىتىلدى، يېغىۋېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كارخانىلارغا جازا بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش تارماقلىرىغا چېتىشلىق مەسىللەرنىڭ مەمۇرىي، جىنايى ۋە ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى ھەمدە بارا-بارا كۆممقۇناق، پاختا، يەر ياڭىقى، كۆكتات، كۆك تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈشكىمۇ كېڭەيتىلىپ ئىشلىتىلدى، بۇ تېخنىكا دۆلىتىمىز زىرائەتلىرى مىقدارىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن يېزا-ئىگىلىكتىكى « ئاق رەڭلىك ئىنقىلاب» دەپ ئاتالدى.

    ئەمما سۇلياۋ يۇپۇقنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى يېڭى مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ يوپۇق بولسا بىر يۇقىرى مولېكۇلىلىق گىدراربونلار بولۇپ، تەبئىي مۇھىت شارائىتىدا دېگراداتسىيە بولۇشى تەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرى يىلدىن يىلغا كۆپىيىشكە باشلايدۇ. گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ سۇلياچ يوپۇق ئۆلچىمى قېلىنلىقى 0.008 مىللىمېتىر دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە خاتالىق پەرقى پىلۇس مىنۇس 0.003 مىللىمېتىر بولسىمۇ لاياقەتلىك مەھسۇلات دەپ بەلگىلىگەن. تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى ئالاھىدە نېپىز سۇلياۋ يوپۇق يېزا –ئىگلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلدى.يەر ئاغدۇرغاندا قالدۇق سۇلياۋنىڭ مىقدارى كۈنسېرى ئېشىپ، تۇپراق مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، تۇپراق تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇپراققېتىۋېلىپ، ئۈنۈمدارلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، قالدۇق سۇلياۋ ئۈستىگە تېرىلغان ئۇرۇقنىڭ سېسىپ كېتىش نىسبىتى %6.92، بىخ سېسىپ كېتىش نىسبىتى %5.17، مەھسۇلات مىقدارى %12 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن-تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن تۇرغۇزۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىنسېن مۇنداق دېدى: سۇلياۋ يوپۇق يېغىۋېلىشنىڭ تەس بولۇشىدىكى ئاساسى سەۋەپ سۇلياۋ يوپۇق بەك نېپىز بولۇپ، يېغىۋېلىنمايلا تىتىلىپ كەتكەن. « بۇ نىزامدا ئېنىق بەلگىلەندى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان ۋە ئىشلىتىلگەن سۇلياۋ يوپۇقنىڭ قېلىنلىقى 0.01 مىللىمېتىر كېلىدىغانسۇلياۋ يوپۇقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چىدامچانلىقى 180 كۈندىن ئاشىدۇ، بۇ سۇلياۋ يوپۇقنىڭ قېلىنلىقى ۋە چىدامچانلىقى قۇيۇلغان بىر تۆۋەن چەك ھېسابلىنىدۇ.» 

    ليۇ جىنسېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، پاش قىلىشنى قۇبۇل قىلىدىغان تارماقلار تومتاقلا مەسئۇل تارماقلار دەپ بەلگىلەنمەيدۇ، تەپسىلىي بەلگىلىنىدۇ،« ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈپەت تېخنىكا نازارەت، سودا –سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، يېزا –ئىگىلىك مەسئۇل تارماقلىرى مەجبۇرىيىتىگە ئاساسەن پاش قىلىشنى قۇبۇل قىلىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاپ قايتۇرۇشى كېرەك.»

نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا –ئىگىلىك نازارىتى ياردەم بەرگەن قالدۇق سۇلياۋ يوپۇق يېغىۋېلىش كارخانىلىرى 66 بولۇپ، رايونىمىزدىكى 62 ناھىيەسىگە جايلاشقان. « 13-بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا –ئىگىلىك نازارىتى ھەر بىر ناھىيەدىكى بىر قالدۇق سۇلياۋ يوپۇق يېغىۋېلىش كارخانىسىغا ياردەم بېرىدىكەن. (تامام) (پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)

010020070830000000000000011100001353448201