نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ھەمياننى سەمىرىتىپلا قالماستىن ئەقىلنىمۇ ئاچتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  مامېڭ     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-06 20:12:45

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى : (مۇخبىر گۇەن چياۋ چياۋ) مېۋىلەر تېخى پىشمىغان بولسىمۇ، بىراق توغاچ شاپتۇلنىڭ ھەممىسى سودىگەرلەر تەرىپىدىن زاكاس قىلىنىپ بولدى. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، ئابلىز نىزامدۇن «تەتقىق قىلىش» لاپاس تېرىش ئىلمى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

    يىتىملىقۇم يېزىسى ئېرىق كەنتى قاغىلىق ناھيەسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كىشى بېشىغا 2 مودىنمۇ يەر تەگمىگەن جەنۇبىي شىنجاڭ قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇ جايدا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 200غا يېقىن لاپاس قۇرۇلدى.

    لاپاس تېرىشنىڭ پايدىسى ياخشى بولغانسېرى، باشقا كەنتتىكىلەرمۇ بوز يەرلىرىنى ئوڭشاپ، ئەسلىھەلىك يېزا –ئىگلىكى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولدى، بىراق تېرىش تېخنىكىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى دېھقانلارنى كەينىگە چېكىندۈردى.

   ئابلىز ئىلگىرى ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى. « دەسلەپتە لاپاس پليونكېسى، پاختىلىق يوتقان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى بولسىمۇ، بىراق تېخنىكا بىلمەيتتى؛ ھازىر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كونىرىغان بولسىمۇ، بىراق تېخنىكا ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، نىمىلا قىلغان بىلەن زىيان تارتمايتتى.»

   17 يىللىق نامراتلىقنى يۆلەش خىزمەت تارىخى بولغان قاغىلىق ناھىيەسى نامراتلىقنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شېڭلىن ئابلىزغا ئوخشاش دېھقانلارنىڭ ئازراقتىن تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئاخىرى بىر نامرات ئائىلىدىن يىراق يېقىنغا تونۇلغان تېرىش ماھىرىغا ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

    « ئەينى ۋاقىتتا ماددىي ئەشيا، تېخنىكا يەتكۈزگەن كۆرۈنۈشلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.» جاڭ شېڭلىن مۇنداق دېدى، نامرات ئائىلىلەرگە لاپاس پليونكېسى، پولات سىم، پاختىلىق يوتقان، ئېلېكترونلۇق پەردە ياپقۇچ قاتارلىقلار ھەقسىز يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن دېھقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەسلىھەلىك يېزا-ئىگلىكىنىڭ ئىنچىكىلەپ تېرىلىشى يەنلا بىر مەسىلە ئىدى.

    « دەسلەپتە ئۆزلىرى ئىزدەندى، بىراق مەغلۇپ بولدى، كېيىن ئەتراپتىكى تېرىقچىلىققا ئۇستا خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان قوشنىلاردىن ئۆگىنىپ يەنە باغۋەنچىلىك پونكىتىدىن كەلگەن تېخنىكتىن تېخنىكا، نەزىرىيە ئۆگىنىپ، ئاندىن ئاستا–ئاستا تۇتۇش قىلدى.» بۇ بىر نەچچە يىلدا ئابلىزنىڭ ئەقلى ئېچىلدى، تېخنىكىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىكىدىن ئىزدەندى.

    بۇلتۇر، ئابلىز شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن نوتا شاخ سېتىۋېلىپ ئۇلىدى. بۇ يىل 4-ئاي كىرمەيلا، توغاچ شاپتۇللار مېۋە باغلاپ، نۇرغۇن سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپ تالاشتا قالدى. ئابلىزمۇ ئۈزۈل كېسىل ھالدا 50 مىڭ يۈەنگە دەرەختىكى توغاچ شاپتۇلنى سېتىۋەتتى. پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، ئابلىز ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇخەلچەم ئوسمان ئازراقمۇ يەڭگىللىك قىلماي، تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ شاپتۇل دەرەخلىرىنى باقتى. لاپاس ئىچى گەرچە دىمىق بولسىمۇ، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ يەنىلا مېۋە شالاڭلىتىشقا غەيرىتى بار ئىدى.

    ئابلىزنىڭ تەسىرىدە، باشقا بەش ئاكا-ئىنىسىمۇ لاپاس قۇرۇپ چىقتى. ھازىر ئالتە كىشى ۋاقتى بولسىلا بىر يەردە ئولتۇرۇپ بىرلىكتە لاپاستا قانداق قىلغاندا ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولدىغانلىقى تۇغرىسىدا ئۆز-ئارا مەسلىھەت سورىشىدۇ. ئىنىسى مەمەت نىزامىدۇن مۇچ تېرىشنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە«ۋاقىت پەرقى»نى ئۆگىنىۋالدى. 9-ئايدا تېرىپ، ئەتىيازدا باھاسى ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا دەل ساتقىلى بولىدۇ، بىر لاپاستىن 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ئەتىيازدا يەنە باشقا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.» مەمەت ئاكىسىدىن زېرەكلىكنى ئۆگەندى.

    «ئىلگىرى دېھقانلاردا ساقلاش، يۆلىنىش، ئېلىش دېگەن ئىدىيە ئېغىر ئىدى، چاڭلاشتۇرۇش، مايسا شالاڭلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى كەنت كادىرلىرى، تېخنىك خادىملار ئۆيىگە كىلىپ قىلىپ بىرەتتى. » دېدى جاڭ شېڭلىن خورسىنغان ھالدا : «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ئۆزگەردى، ئۇلاردا مۇۋەپپەقىيەت تويغۇسى بولۇپلا قالماستىن، مەندىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تويغۇسى با بولدى.»

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ئاجراتقان مەخسۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سانى كۆرىنەرلىك ئاشتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇتىشىپ كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارغا ئاجراتقان نامراتلىقىتىن قۇتۇلۇش مەبلىغىنىڭ سالمىقى كۈچەيتىلدى، ئالدىنقى ئىككى يىلدىلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستقا ئورۇنلاشتۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەخسۇس مەبلىغى 3 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتتى. مائارىپتا يېتەكلەش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەبلىغى ھەمياننى سەمىرىتىپلا قالماستىن ئەقىلنىمۇ ئېچىش رولىنى ئويناپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.(تامام) (پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى) 

010020070830000000000000011100001353396281