تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تارىم ئويمانلىقىدىكى 10مىڭ گېكتار چەكسىز ئورماننى باقماقتا
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-06 10:24:52

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى : (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇي ،سۇ چۈەنيى) ياڭاقنى باھاسىغا چىقىرىپ سېتىش ئۈچۈن،مۇختار توردى يالغان گەپ قىلدى ،بىراق ياڭاق ئۇنىڭغا « خائىنلىق قىلدى ». مۇختەر توردى شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەن،ئۇ تۇرۇشلۇق بولغان «ياڭاق يېڭى كەنتى»بولسا،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرى ئەڭ توپلاشقان رايون بولۇپ ،ھەر يىلى ياڭاق ،چىلان قاتارلىق مېۋىلەرنى سېتىپ قىلغان كىرىم،بۇ يەردىكى دېھقانلار ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %80 دىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدۇ.ئىككى يىل ئىلگىرىكى كۈزدە،ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر بۇ يەرگە كېلىپ ياڭاق سېتىۋالدى،يۇقىرى باھانىڭ بىردىن بىر شەرتى شۇكى مېۋىلىك دەرەخكە خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەتمەسلىك.مۇختەر توردى تەبئىيلا ئائىلىسىدىكى ياڭاقنى ئەلا سۈپەتلىك، پۈتۈنلەي مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلەتكەن دەپ ماختىدى.

    بىراق سودىگەرلەر بىر كىچىك ئەسۋاب چىقىرىپ،ياڭاقنى ئېلىپ ھەپىلەشكەندىن كېيىن ، يالغان گەپ قىلىشنى بىلەيدىغان ياڭاق ئۇنىڭغا « خائىنلىق قىلدى ».سودىگەرلەر بىشىنى چايقاپ كېتىپ قالدى ،يەنە قايتىپ كەلمىدى. كەنتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ياڭاقنىڭ ھەر كىلوگرامىنى ئۆزىدىن 10يۈەندىن ئارتۇق ساتقانلىقىنى كۆرۈپ،مۇختەر توردى ھەم ھەۋەس قىلدى ھەم پۇشايمان قىلدى.شۇ يىلى قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ،ئۇ راستچىللىق بىلەن ئائىلىسىدىكى باغقا كالا-قوي قېغلىرىنى كۆمدى.

    مۇختەر توردىنىڭ 20 مو ياڭاقلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى 15مىليون مو ئالاھىدە مېۋىلىك باغنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،مېۋىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ بۇ يەرگە بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن،دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلمىگەن،مېۋە دەرەختە بولسىلا ئالدىن زاكاس قىلىنىپ تۈگەپ بولاتتى.دېھقانلار مەھەللىۋى ئوغۇتنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىپ،كالا-قوي قېغلىرىنىڭ باھاسى تېزدىن ئۆرلەپ ھەر بىر كۇب مېتىر قېغنىڭ باھاسى 200يۈەنگە يېقىنلاشتى.

    «قىممەت بولسىمۇ سېتىۋېلىش كېرەك!» ئەمەلىيەتتە ، مۇختەر توردى ھازىرغىچە خېرىدارنىڭ قولىدىكى ئەسۋابنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ،بىراق ئۇ ياڭاققا مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئىشلەتسە،ياڭاقنىڭ ياخشى سېتىلىدىغانلىقىنى،باھاسىنىڭمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

    ئۇنسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە،يەرلىكتىكى 1مىليون 220مىڭ مو باغقا،ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 2مىليون400مىڭ كۇب مېتردىن ئارتۇق مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئىشلىتىدىكەن،يەرلىكتىكى كالا ،قوي ،توخو،ئۆردەك قېغلىرى تۈگەپ كېتىپ،بۇ يەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن.پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېھتىياجى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ ئىستاتىستىكا قىلشقا ئامالسىز قالغان.شىمالنىڭ ئوغۇتىنى جەنۇبقا يۆتكەش،ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغان.ھەر يىلىنىڭ ئەتىياز -كۈز پەسلى ،تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيولدا،شىمالى شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يىراق رايونلاردىن ئاپتوموبىل بىلەن ئوغۇت توشۇۋاتقانلىقىنى ھەر قاچان كۆرگىلى بولىدۇ.

    مۇختەر توردىغا مەھەللىۋى ئوغۇتنى قادىر ئاۋۇت سېتىپ بەرگەن،يەرلىكتىكىلەر ئۇنى «قېغ توردى»دەپ ئاتىشىدۇ،ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا بىلىدۇ.ھەر يىلى ئەتىياز –كۈز پەسلىدە «قېغ توردى» ئون نەچچە ئاپتوموبىل كىرا قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ يەنە بىر قېتىدىكى شىمالىي شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ ئوغۇت توشۇيدۇ.ھەر يىلى ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتكەن جەنۇبىي شىنجاڭغا توشۇپ كىلىنگەن ئوغۇت 20 مىڭ كۇپ مېتىردىن ئاشىدۇ.كالا قوي قېغلىرىنى يۆتكەشكە تايىنىپ،بۇ كەنتتىكى كىچىك سودىگەر،ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدىلا بۇ يەردىكى بايلاردىن بولۇپ قالدى.

    «قېغ توردى»لار ئارقىلىق،شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن كالا قوي قېغلىرى ئۈزۈلدۈرمەي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىغا يۆتكەپ كىلىنىپ،بۇ يەردىكى 10 مىڭ گېكتار چەكسىز ئورماننى باقماقتا.غايەت زور بازار ،بىر مۇكەممەل كەسىپ شەكىللەندۈرۈپ،بىر تۈركۈم بايلارنى پەيدا قىلدى.

    تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا بولسا،كالا- قوي قېغلىرى چارۋىچى دې رېنجيەننى باي قىلۋەتتى.ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا تۇرۇشلۇق دې رېنجيەن كۈنەس ناھىيەسىدىكى بىر باقمىچىلىق كوپېراتىپىنىڭ پايچىكى بولۇپ،مىڭغا يېقىن كالا قوينى باشقۇراتتى.ھەر يىلى بۇ كالا- قويلار چىقارغان قېغلار ئۇنىڭغا ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ. دې رېنجيەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كالا قويلار تاغ –دالىدا ئوتلاپ،قېغلىرى كۆپ بولسىمۇ بىراق يىغماق تەس ئىدى.ھازىر يىغىپ بېقىپ،بۇ مەسىلە ھەل قىلىندى.ئۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى باقمىچىلىق يېڭى كەنتتىكى ئىلگىرى كۆپىنچە قويغىلى ئورۇن چىقمايدىغان كالا -قوي قېغلار ھازىر چارۋىچىلارنىڭ «ھەميان»نىغا ئايلاندى.(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)

010020070830000000000000011100001353368031