« 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان » يىگىت كامېرا ئارقىلىق « يىراق ئەمەس ‏شىنجاڭ » نى بايان قىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى ‏    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-05 16:33:11

    ‎ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى :  (مۇخبىر گويەن ‏،ۋاڭ فېي) ھەشەمەتلىك سۈرەتكە ئېلىش ئەترىتى، ئىلغار يۇقىرى تېخنىكا ‏ئۈسكۈنلىرى،بېكىتىلگەن سېنارىيەسىمۇ يوق، شىنجاڭ سەنئەت ‏ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شۆي جىڭ ئۆزىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئەترىتى،يەككە ‏سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتى،بىر تال ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش تايىقى بىلەن ‏‏5 مىنۇتلۇق مىكرو فىلىم « مىنىڭ شىنجاڭىم »نى سۈرەتكە ئېلىپ تاماملىدى.قىسقىغىنە ‏بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ،بۇ قىسقا فىلىمنىڭ توردىكى چېكىلىش قېتىم سانى ‏‏100مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.‏

    فىلىمنىڭ باش قىسمىدا،شۆي جىڭ ناخشىسىدا :« مەن جەنۇبتىن ‏شىمالغىچە ماڭىمەن،مەن كۈندۈزدىن كېچىگىچە ماڭىمەن » دەپ ئېيتىدۇ.ئۇ ‏مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە پويىزغا ئولتۇرۇپ،ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ،ۋېلىسپىت مىنىپ،ياياق مىڭىپ شىنجاڭنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى 20نەچچە ناھىيە‏-شەھەرنى كېزىپ چىقىپ،ئېگىزلىكى 3000مېتىردىن ئاشىدىغان 4 تاغدىن كېسىپ ‏ئۆتۈپ،10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ماڭىدۇ.

    ‏« مەن ئەزەلدىن بىر ئالاھىدە نەرسە ئىشلەيمەن دەپ ‏ئويلىمىغان،پەقەتلا مەن ماڭغان يوللاردىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ۋە ھىكايىلەرنى ‏ئائىلەمدىكىلەرگە،دوستلارغا كۆرسىتىپ، ئۆزەمنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتماقچى،يەنە شىنجاڭدىكى 4 يىللىق تۇرمۇشۇمغا خاتىرە قىلماقچى» دېدى شۆي جىڭ.‏4 يىل ئىلگىرى،شۆي جىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ‏كىنو-تىياتىر ئىنستىتۇتىغا قۇبۇل قىلىنغان. سۈرەتكە ئېلىش ۋە ساياھەتنى قىزغىن ‏سۆيىدىغان ئۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن تارتىپلا شىنجاڭنىڭ جەنۇب ‏شىمالىدىكى جايلاغا مىڭىشنى باشلىغان،« ماڭغانسېرى بۇ جاينى تېخىمۇ ياخشى ‏كۆرۈپ قىلىۋاتىمەن،بۇ جاينىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇجاينىڭ ‏كىشلىرىنى ياخشى كۆرىمەن.» دېدى شۆي جىڭ.‏‎

    يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى قاراجول ئوتلىقى،كۈنگەيلىكتىكى ‏ئەگرى –توقايلىق،موڭغۇلكۈرەدىكى ساپسېرىق قىچا ئېتىزلىقى،ئاپئاق بۇلۇت ‏كۆپكۈك ئاسمان ئاستىدىكى سايرام كۆلى .......يەنە سەپەر ئۈستىدىكى شىنجاڭلىق ‏ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دوستانە،ئوماق كۈلكىسى،شۆي جىڭ كامېراسىدا ‏ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى تەبىئىي شارائىت، ‏ئۆرپ-ئادەت ۋە مول –ھوسۇلنى، دوستانىلىقىنى خاتىرىلەپ چىقتى .‏ شۆي جىڭ مۇنداق دېدى،يول بويى ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ‏قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىم،بىراق ئۇ قېيىنچىلىقلارنى يىڭىپ چىقتىم.قازاق مىللىتىدىن ‏بولغان ئاكاشنىڭ ئۇنىڭ سەپەر خالتىسىغا سىلىپ قويغان قېتىق،خۇيزۇ مىللتىدىن ‏بولغان ئاكاشنىڭ ئۇ ماڭالمىغان ۋاقىتتا ماشىنا ئەينىكىنى چۈشۈرگەن ۋاقىت،يەنە ‏سەپەردە دائىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تەرجىمان بولۇپ بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ‏باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ........شۆي جىڭ كامېراسى بىلەن ئۆزىگە ‏ياردەم قىلغان ھەر بىر كىشىنى خاتىرلىدى.‏

    شۆي جىڭ مۇنداق دېدى :«فىلىم داڭق چىقارغاندىن كېيىن ،نۇرغۇن ‏كىشىلەر مەندىن نىمە ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسى فىلىمىنى ئىشلەپ ‏قالدىڭ دەپ سورىدى.ئەمەلىيەتتە مەن بۇ جاينىڭ تۇرمۇشى ۋە بۇ جاينىڭ ‏كىشىلىرىنى ھەقىقي ھېس قىلدىم.پەقەتلا شىنجاڭغا كىلىپ بۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى ‏چۈشەنگەندە،بۇ جاينىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.بۇ جايدا ھەر ‏قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە قۇشۇلۇشى ئۆز مەيلىچە بولىدىغان بىر ئىش.» ‏

    گەرچە «مىنىڭ شىنجاڭىم» دا خاتىرلەنگىنى شۆي جىڭنىڭ ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدىكى شىنجاڭ خاتىرىسى بولسىمۇ،بىراق فىلىمدە ئۇنىڭ 4 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتى ۋە چۈشىنىشى مۇجەسسەملەنگەن.

    شۆي جىڭ فىلىمدە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق يازغان:« ئۇ بىر گۈزەل قىزچاققا ئوخشايدۇ،ئۆكتەم ھەم مۇلايىم،ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن سىرلار كىشىلەرنىڭ قېزىشىغا مۇھتاج،ئۇ نۇرغۇن ئۇۋاللىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ كەلمەكتە،ئۇ كىشىلەرنىڭ گەپ –سۆزلىرىدىن ئاڭلاشقا ئەمەس،بەلكى ھەقىقىي ئۆزىنى چۈشىنىشىگە‏ مۇھتاج.ئۇ ناھايىتى يىراق جايدا،بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى يىراق ئەمەس.»(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)‏

010020070830000000000000011100001353359941