شىنجاڭ تۇقۇلما كىيىم –كېچەك كەسپى «ۋەزىيەتكە قارشى» كۈچىيىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى
مەسئۇل مۇھەررىر:       مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-05-04 11:26:52

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى: ئاپرېل ئايلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىراش مەزگىلى،بىراق قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسىدىكى ياش دېھقان تۇرسۇنگۈلنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بولسا ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بولماستىن ،بەلكى كەنتتىن كىيىم-كېچەك زاۋۇتقا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوموبىلغا ئۈلگۈرۈش ئىدى.

    3 ئاينىڭ ئالدىدا .قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى يېڭىدىن قۇرغان كىيىم –كېچەك كارخانىسى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىپ،تەربىيەلەپ كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن ،ھەر ئايلىقىغا 2500يۈەندىن مائاش بېرىدىكەن دېگەن خەۋەر يېقىن يېزا- بازارلاردىكى 800دىن ئارتۇق كەنت ئاياللىرىنى جەلىپ قىلدى. يېزىدىكى ئەمگەكچى ئايالدىن كىيىم –كېچەك كەسپىدىكى ئىشچىغا ئايلىنىش،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇرسۇنگۈلگە ئوخشاش ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئىقتىساد «يېڭى ۋەزىيىتى»ئاستىدا،پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە تۇقۇلما كىيىم –كېچەك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىدى،بىراق مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پاختا رايونى شىنجاڭدا بۇ كەسىپ«ۋەزىيەتكە قارشى» كۈچىيىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە،بۇ ئاساسلىقى 2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى،مەركەز ۋە شىنجاڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئېلىپ كەلگەن پايدا بولۇپ،تۇقۇلما كىيىم كېچەك قاتارلىق ئەمگەك زىچ توپلانغان كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاساس قىلغان خەلق قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن ،كەسىپ پىلانىغا ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى ،يەنە كەسىپ تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى،باج سىياسىتى ،تۆۋەن توك باھاسى ھەمدە خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش تۇلۇقلىمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئالاھىدە سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

    سىياسەت ئەۋزەللىكى ياخشى بايلىق مەنبەسى ،رايون ئەۋزەللىكىنىڭ جەلپ قىلىشى ۋە تۈرتكىسىدە ،بۇلتۇر شىنجاڭ تۇقۇلما كىيىم كېچەك سانائىتىنىڭ مۇقىم مۆلۈك مەبلىغى 31مىليارد790مىليونغا يېتىپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %231 ئاشقان،يېڭىدن كۆپەيگەن كىيىم كېچەك كارخانىلىرى 380گە يەتكەن،جىنشېڭ ،تيەنخۇڭ،خۇڭدو قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار بەس-بەستە شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان.رۇيى ،خۇاماۋ قاتارلىق شىنجاڭدىكى چوڭ كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ،پۈتۈن يىللىق تۇقۇلما كىيىم كېچەك سانائىتىدە يېڭىدىن 97مىڭ كىشىنى ئشىقا ئورۇنلاشتۇرغان.

    شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي سانى بېسىمى چوڭ .قۇرۇلما خاركتىرلىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىك ،مۇقىملىق ناچار،ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىن 600مىڭغا يېقىن شەھەر بازار ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ،3مىليون يېزا كەنت ئېشىچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ،جەنۇبىي شىنجاڭلا ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ.بۇلتۇر 7-ئايدا،ئاپتونوم رايونىمىز 10 يىلغا بۆلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ،2023-يىلغىچە پاختا توقۇمىچىلىقىدا 20 مىليون نۆكچە شەكىللەندۈرۈش،كىيىم كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 800مىليون (يۈرۈش)كۆلەمگە يەتكۈزۈش،تۇقۇلما كىيىم كېچەك سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىمىمتىنى 212 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى نۆۋەتتىكى 200مىڭدىن 1مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

    بۇ يىل 3-ئايدا ،ئاپتونوم رايونىمىز تۇلۇقلىما دەۋرى قىسقارتىلغان،مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىلگەن،بازار ئېچىش مەخسۇس مەبلىغى قاتارلىق 8 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى يولغا قويۇپ،تۇقۇلما كىيىم كېچەك كەسىينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى،يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت ئوبلاستقا ئالاھىدە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى،ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لياڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىنجاڭ تۇقۇلما كىيىم كېچەك مۇقىم مۈلۈكىگە 45 مىليارد 500 مىليون مەبلەغ سېلىپ،300 كارخانىدىن ئارتۇق كۆلەمدە يېتىشتۈرۈپ،سانائەتتە %30 قىممەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 110مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى.(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)

010020070830000000000000011100001353331761