22 ئۆلكە شەھەر 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونى تەسسىس قىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  پاتىگۈل     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-04-29 18:47:49

    4-ئاينىڭ 26-كۈنى ، جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىباش باشقارمىسى گۇاڭجۇ تاۋار ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى خېرىدار چاقىرىش، كۆرگەزمىگە چاقىرىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ،گۇاڭدۇڭ،جياڭسۇ،سىچۇەن،جېجياڭ قاتارلىق 33ئۆلكە ئاپتونوم رايون شەھەرلەرنىڭ (پىلان تىزىملىكىدىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى ،22 ئۆلكە شەھەر مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونى سېتىۋالدى،باشقا ئۆلكە شەھەرلەرمۇ ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ،كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشماقچى بولدى.

    22 ئۆلكە شەھەر سېتىۋالغان مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 2908 كۋادرات مېترغا يېتىپ، جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمىدىن ئېشىپ چۈشتى.بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ،تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونىنى تەرتىپلىك بېكىتتى.

    چەك تارتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ،ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى ،چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونى ئورنى ۋە تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونى ئورنىنى بېكىتىشنىڭ تەرتىپلىك بولغانلىقىنى، ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتبات باشقارمىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورۇنلىرىنى تەقسىملىشىنىڭ ئىلمىي،مۇۋاپىق بولۇپلا قالماستىن،باراۋەر،ئاشكارا،ئادىل پىرىنسىپنى نامايان قىلغانلىقنى بىلدۈرۈشتى.

    سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ تۇڭدىياۋ سۆھبەت يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت،يېڭى ئەھۋال ئاستىدا،ھەر قايسى گۇرۇپ كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى ئىدارىلەر جۇڭگو- ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە رولىغا قارىتا يېڭى تۇنۇشتا بولۇپ، ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يېڭى مىخانىزىمى تەسىس قىلىشتا ئىزدىنىپ،يېڭى بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ،ئەمەلىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش يىغىن ئىستىلىنى كۈچەيتىپ،ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىغىن سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشى كېرەك.(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)

010020070830000000000000011100001353235441