تۇرپاندىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيە ئېچىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  پاتىگۈل     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-04-28 12:43:45

    شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ27-كۈنى(جاڭ شىياۋلۇڭ):5-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى تۇرپان-قۇمۇل-بېيجىڭ لىنىيەسىنى ئاچتى،بۇ تۇرپان ئايرودرومىدا ئېچىلغان تۈنجى دۆلەت ئىچى قەرەللىك ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن،شۇنداقلا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئاچقان 9-قاتناش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلغان 2016-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە سىستېمىسى يېڭى ئېچىلغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە،يېڭى ئىچىلغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ نۆۋەتلىك ئايروپىلان نومۇرى CA1229/1230 بولۇپ،ھەر ھەپتىنىڭ 1-،3-،5-،6-،كۈنلىرى بويىن 738  تىپلىق ئاپروپىلان ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن،سائەت 7:25دە بېيجىڭدىن قوزغىلىپ،10:55دە قۇمۇلغا يېتىپ بېرىپ ،قىسقىغىنە توختىغاندىن كېيىن 11:55 دە قوزغىلىپ 13:10 دە تۇرپانغا يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش لىنىيەسىدە 14:10 دە تۇرپاندىن قوزغىلىپ 15:25 دە قۇمۇلغا يېتىپ بېرىپ، قىسقىغىنە توختىغاندىن كېيىن 16:25 قوزغىلىپ،19:25 دە بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدىكەن.(مەريەمگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى)(تامام)

010020070830000000000000011100001353197841