مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى : قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنى ماھىرلار كوللېكتىپ چاقنىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  پاتىگۈل     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-01-20 17:50:17

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى : 1-ئاينىڭ 18-كۈنى،13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. جۇياڭ ،فەن كىشىن ،ۋۇ داچىڭ،خەن تيەن قاتارلىق دۇنياۋى ماھىرلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

    ۋانكۇۋىر ۋە سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك قىشلىق  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللار 1500مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ چېمپىيونى بولغان جۇياڭ ئەڭ ئاخىرقى 3 ئايلانمىدا كۈچەپلا ،ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.مۇسابىقىدىن كېيىن جۇياڭ مۇنداق بىلدۈردى : شىنجاڭنىڭ تىمپىراتۇرىسى،مۇز ئۈستى سۈپىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن،بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق.

(تامام)

010020070830000000000000011100001350285021