ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن قار تېيىلىشنى باشلىغان جاينىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-01-19 17:22:50

 ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن قار تېيىلىشنى باشلىغان جاينىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ــــ

 9- نۆۋەتلىك ئىنسانلار قار تېيىلىشىنى باشلىغان جايىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى

1-ئاينىڭ 16 -كۈنى،« يۇڭ تېرىدە قار تېيىلىش » مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقىلەشمەكتە.ئۈچىنچى چىللە مەزگىلى،ئالتاي شەھىرىنىڭ گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا ھاۋا ئىتايىن سوغۇق بولۇپ،تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 27 سىلسىيە گرادۇس ئىدى. « يۇڭ تېرىدە قار تېيىلىش» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا،قازاق قىزى چۇغلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.كىچىكىدىن دادىسىغا ئەگىشىپ «قەدىمىي قار تېيىلىش»نى ئۆگەنگەن بۇ قىز ،بىر توپ ئەرلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئاساسلانغاندا،چۇغلا ئىشلەتكەن بۇ چاڭغا 10 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن.

    2005-يىلى، ئالتاي تېغىدا قەدىمقى ئالتايلىق كىشىنىڭ پۇتىدا چاڭغا دەسسەپ،قولىدا تاق تاياقنى تۇتقان ھالدا قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن قىيا تاش سىزمىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ تورغات يېزىسى دۈنبۇلاقتا بايقالغان.مۇتەخەسسسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن قارتېيىلىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىيال بولۇپ،ۋاقتى قەدىمكى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە توغرا كىلىدىكەن.ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى ئالتاي ۋىلايىتىدە بارلىققا كەلگەن ئىكەن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 17-يانۋار تەنتەربىيە مەخسۇس تېلېگراممىسى ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شىياۋلوڭ) ئۈچىنچى چىللە مەزگىلى،ئالتاي شەھىرىنىڭ گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا ھاۋا ئىتايىن سوغۇق بولۇپ،تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 27 سىلسىيە گرادۇس ئىدى. « يۇڭ تېرىدە قار تېيىلىش » مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا،قازاق قىزى چۇغلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.كىچىكىدىن دادىسىغا ئەگىشىپ «قەدىمىي قار تېيىلىش » نى ئۆگەنگەن بۇ قىز ،بىر توپ ئەرلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.

تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئاساسلانغاندا،چۇغلا ئىشلەتكەن بۇ چاڭغا 10 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن.2005-يىلى، ئالتاي تېغىدا قەدىمقى ئالتايلىق كىشىنىڭ پۇتىدا چاڭغا دەسسەپ،قولىدا تاق تاياقنى تۇتقان ھالدا قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن قىيا تاش سىزمىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ تورغات يېزىسى دۈنبۇلاقتا بايقالغان.مۇتەخەسسسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن قارتېيىلىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىيال بولۇپ،ۋاقتى قەدىمكى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە توغرا كىلىدىكەن.ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى ئالتاي ۋىلايىتىدە بارلىققا كەلگەن ئىكەن.

    2006-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاينىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن قار تېيىلغان جايى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىنى «ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشى بارلىققا كەلگەن جايىنى خاتېرىلەش كۈنى » قىلىپ بېكىتتى.چۇغلا قاتناشقان « يۇڭلۇق تېرىدە قار تېيىلىش » مۇسابىقىسى بولسا 9-نۆۋەتلىك « ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشى بارلىققا كەلگەن جايىنى خاتىرىلەش كۈنى » نىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىدى.

    ئەجدادلار بىلەن ئوخشاشمايدىغىنى شۇكى،بۈگۈن چۇغلا قاتارلىقلار « يۇڭ تېرىدە قار تېيىلىش»نى ماھارەت تەنھەرىكىتى دەپ قاراپ،ئۇنى ياشاش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھاياتنىڭ ھۇزۇرى دەپ ھىسابلايدۇ. چۇغلا مۇنداق دېدى:«  بۇ خىل ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈشۈم ئەجدادلىرىمنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈندۈر.»

    ئالتاي شەھىرى گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا،9 ياشلىق باقجول ئانىسى سەۋلې ھەمراھلىقىدا قار تېيىلىشنى ئۆگەنمەكتە.باقجولنىڭ « قارمۇز ھاياتى » خەلقئارالىق ئۆلچەمدە باشلانغان بولۇپ ، باشلىنىشى بىلەنلا « زامانىۋىي قار تېيىلىش» ئىچىدىكى قوش تاختايلىق قار تېيىلىشنە ئۆگەنگەن .

    سەۋلېنىڭ ئۈمۈدى قار تېيىلىش ئارقىلىق بەگچۇلنىڭ ئىرادە-پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇش بولۇپ،ئوغلى كەلگۈسىدە كەسپىي قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى بولسىمۇ قارشى تۇرمايدىكەن. « ئەگەر ئۇ راستىنلا تەنھەرىكەتچى بولۇشقا ماس كەلسە مەن چوقۇم ئۇنى قوللايمەن.» ئانىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، باقجول قار تېيىلىش مەيدانىدىكى قار تېيىلىشتا تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئۈزلۈلدۈرمەي سىستېمىلىق تەربىيلىنىۋىتىپتۇ.

    گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانى مەسئۇلىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كۆپلىگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەسپى قار تېيىلىش تېرېنىرىنىڭ يېتەكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن،ھۆكۈمەت بالىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسلىكىنى قار تېيىلىش مەيدانىغا ئېلىپ كىرگەن.

    بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، ئالتاي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇددەتكە ، تۈركۈمگە بۆلۈپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللىپ گېنېرال تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلىشنى ئۆگەتكەن. قار تېيلىش مەيدانىنىڭ تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا ، 5000 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى « قار مۇز دەرسخانىسى » تەنتەربىيە دەرسىگە قاتناشقان .

    گېنېرال تېغى چاڭغا تېيىلىش مەكتىپىنىڭ ترېنېرى ما چياڭ مۇنداق دېدى : بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، شىنجاڭ 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئەگىشىپ، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ كەسپىي ترېنېر ئىزدەپ قار تېيىلىشنى ئۆگەنگەن بالا بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئۇنىڭ ئارزۇسى بولسا « بىر قانچە ياخشى چاڭغىچى ماھىرلارنى تەربىيەلەپ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن، ھەتتا جۇڭگوغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشنى باشلىغان جايىدىن كەلگەنلىكىدەك شان -شەرەپكە يۈز كىلەلىشى ئىدى .»

(تامام)

010020070830000000000000011100001350207471