خېنەندىكى بىر پوجاڭزا ياساش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 10 ئادەم قازا قىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ما مېڭ     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-01-15 17:22:47

پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:48 ئەتراپىدا، خېنەن ئۆلكىسى تۇڭشۈ ناھىيەسىنىڭ چاڭجى بازىرىدا  پوجاڭزا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. مۇخبىرنىڭ تۇڭشۈ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 19:00 غىچە، بۇ ۋەقەدە 10 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 7 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان، ئۇنىڭ ئىچىدە 5 ئادەم ئېغىر يارىلانغان، 2 ئادەم  يېنىك يارىلانغان. بۇندىن باشقا ، تۇڭشۈي ناھىيەسى جىددىي تەدبىرلەر قوللىنىپ، مەسئۇل كىشىنى قانۇن بويىچە كونترول قىلغان. پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

(تامام)

010020070830000000000000011100001350123111