ئىلى چېگرا مۇداپىئەسى : 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قارلىق مەيداندا قاتتىق ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ما مېڭ     مەنبەسى:  شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-01-15 17:00:20

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ ئىلى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەسكەرلىرى قارلىق يەردە ئۆمىلەپ سىنىپ باشلىقىغا ئەگىشىپ تاكتىكىلىق مەشىقنى ئۆگەنمەكتە. 

    شۇ كۈنى، قۇراللىق ساقچى شىنجاڭ ئىلى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى قوال-ياراغ ئىشلىتىش، تاكتىكا قارشىلىشىش، قارلىق يەردە توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكىلىق ئىقتىدار مەشىقىنى قانات يايدۇردى. 1-ئايدىن باشلاپ، ئىلى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ھەر كۈنى تاكتىكىلىق ۋە بەدەن ئىقتىدارى مەشىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى چېگرا مۇداپىئە قوغداش ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تەييارلىق قىلغان.

(تامام)

010020070830000000000000011100001350052011