شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  شىنجاڭ گېزىتى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-01-04 19:16:15

    (2015–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ20–يىغىنىدا ماقۇللاندى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (18 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نىزامى›› 2015 – يىل 12 –ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ نىزام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىغا دائىر خىزمەتلەردە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى.

    4 – ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

    5 – ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    6 – ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى ۋە دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    7 – ماددا پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەرنىڭ خاسلىققا ھۆرمەت قىلىشى، كۆپ خىللىققا يول قويۇشى، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئۆزئارا بەھرىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. 8 – ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىدە پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغان، مىللەتلەر ئىشلىرى تارمىقى يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ماسلاشتۇرىدىغان، تارماقلار ماسلىشىپ يولغا قويىدىغان، ساھەلەر قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى يولغا قويۇلىدۇ.

010020070830000000000000011100001349767111