ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2015-03-17 16:44:00

    

    ۋەكىللەر:

    ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

    1. 2014 – يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

    ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىچكى – تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ھەم كەسكىن بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى مۈشكۈل ۋە ئەگرى – توقاي بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. ئېلىمىزدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى داۋاملىق ئېغىرلاۋاتىدۇ، كۆپ خىل قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلار گىرەلىشىپ كەتتى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا يەنە پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى باشلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

    بىر يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ۋە مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلىدى. مۇقىملىقنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىدىن ئىبارەت. ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 63 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.4 ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۇراقلىق بولدى، شەھەر، بازارلاردا 13 مىليون 220 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولدى. باھا تۇراقلىق بولدى، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %2 بولدى. ئىلگىرىلەشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى شۇكى، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۈچەيدى. ئىقتىساد قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلاندى، ئاشلىق ھوسۇلى 607 مىليون توننىغا يەتتى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپە نىسبىتى 3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ %51.2 كە يەتتى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى سالمىقى %46.9 تىن %48.2 كە يەتتى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە. ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى شەرقىي رايونلارنىڭكىدىن تېز بولدى. تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆرلىمەكتە، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى %8.6 كۆپەيدى، تەتقىقات ۋە سىناق تەرەققىيات چىقىمى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسى %2 تىن ئېشىپ كەتتى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ سىجىللىقى %4.8 تۆۋەنلىدى، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ھېسابلىنىدۇ. خەلق تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەمەلىيەتتە %8 كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەمەلىيەتتە %9.2 كۆپىيىپ، شەھەر، بازار ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 12 مىليون 320 مىڭى ئازايدى؛ يېزا ئاھالىسىدىن 66 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققانلارنىڭ سانى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ كەتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش بولدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى كېمەيتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا توختىمىدى، بۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان – تەرى سىڭدۈرۈلگەن، بۇ بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.

    ئۆتكەن بىر يىلدا قىيىنچىلىق ۋە خىرىس بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن ئېغىر بولدى. بىز قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

    بىرىنچىدىن، رايونلار دائىرىسىدە تەڭشەش – تىزگىنلەش ئاساسىدا، نىشانلىق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدۇق. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلاۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىزنى مۇقىملاشتۇردۇق، قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانماستىن، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ئوي – پىكرىمىز ۋە ئۇسۇلىمىزنى داۋاملىق يېڭىلاپ، نىشانلىق تەڭشەپ، تىزگىنلەپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتۇق، ئاجىز جايلارنى تولۇقلىدۇق، ئەمەلىي گەۋدىلەرنى كۈچەيتتۇق. ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن چېكىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، سىياسەتنى نىشانلىق يولغا قويۇپ، خىزمەت نىشانىنى توغرىلاپ، شۇ نىشان بويىچە كۈچىدۇق. ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ياردەمگە ئېرىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ بېرىشتىن يوشۇرۇن كۈچ ھاسىل قىلىپ، ھەم بازار ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، ھەم ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش ھەم سۈرئەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق.

    ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويدۇق. باجنى نىشانلىق كېمەيتىش ۋە ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت بېجى ئورنىغا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش سىنىقىنى داۋاملىق كېڭەيتتۇق. مالىيە چىقىمىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، زاپاس مەبلەغنى پائال جانلاندۇردۇق.

    پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش، نىشانلىق تەكرار قەرز بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆسۈمنى سىممېتىرىكسىز تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. كىچىك – مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۈرلۈك قەرز پۇللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۈرلۈك قەرز پۇللارنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ قالدۇق.

    ئىككىنچىدىن، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇردۇق. تەرەققىياتنى بوغۇپ قويۇۋاتقان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم توسالغۇسى ئالدىدا، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

    نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ ھەمدە يولغا قويۇپ، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرى ئالدىنقى يىلىدىكىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەك كېمەيدى، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ سالمىقى ئاشتى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزدارلىقنى باشقۇرۇش ئىشلىرى كۈچەيتىلدى. ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۇراقسىزلىق دائىرىسى كېڭەيدى، پۇقراۋى بانكا سىنىقىدا يېڭى قەدەم تاشلىدۇق، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى بىلەن شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى باشلىدۇق، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ۋە سۇغۇرتا مەبلىغىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ئېنېرگىيە، قاتناش، مۇھىت ئاسراش، خەۋەرلىشىش ساھەلىرىنىڭ باھا ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلەتتۇق. پەن – تېخنىكا مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نوپۇس، ئورگانلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرىنى باشلىدۇق.

    مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدۇق. گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى پۈتۈن بىر يىلدا 246 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە بېرىپ، باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش تۈرىدىن 29نى، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش تۈرىدىن 149نى ئەمەلدىن قالدۇردى. مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش مۇندەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ، تەستىقلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە تارايتتى. بىز سودا تۈزۈمىنى تىرىشىپ ئىسلاھ قىلدۇق، يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتلىرى 12 مىليون 930 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا %45.9 كۆپىيىپ، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى شەكىللەندى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى كېمەيمەستىن داۋاملىق كۆپىيىپ، ئىسلاھاتنىڭ غايەت زور ھەيۋىسىنى ۋە بازارنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

    ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭىدىن قۇردۇق. ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇردۇق، ئىمپورتنى ئاشۇردۇق، ئېكسپورتنىڭ خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسى 119 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 102 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە، شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو – كورېيە، جۇڭگو – ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا رايونىنىڭ ماھىيەتلىك سۆھبىتى تاماملاندى. تۆمۈريول، ئېلېكتىر – ئېنېرگىيە، نېفىت، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش ساھەلىرى بويىچە تاشقى ھەمكارلىقتا مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشتۇق، جۇڭگونىڭ قورال – جابدۇقلىرى چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

    ئۈچىنچىدىن، قۇرۇلما تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتتۇق. قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىز ئاكتىپ ئىش كۆرۈپ، بەزى ساھەلەرنى يۆلەپ، بەزى ساھەلەرنى تىزگىنلەپ، ھازىر جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىدۇق.

    يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئۇدا 11 يىل ئاشۇردۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۇدا 5 يىل تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈردۇق، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق، چوڭ – چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 2 مىليون 230 مىڭ گېكتارغا يەتتى، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن يېزا تاشيولى 230 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا – ئوتلاققا قايتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى. يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، تىزىملاپ كىنىشكا بېرىش ئىشلىرى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرى تېزدىن يېتىلمەكتە.

    كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشىدۇق. يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى تىرىشپ يېتىلدۈردۇق، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. كۆچمە ئالاقە تورى، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياساش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياساش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدۇق، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى تېزدىن گۈللەندۈردۇق. ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماددىي ئەشيا تېز يوللانمىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر ھالىتى تېزدىن يېتىلمەكتە. كۆپلىگەن ئىجادىيەتچىلەر بىراقلا مەيدانغا كەلمەكتە، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق پەسەيتىپ، پولات – تۆمۈر، سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى قاتارلىق 15 نۇقتىلىق ساھەدە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىش يىللىق ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىدۇق. تۇمان – تۈتەكنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللار ۋە كونا ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش كۆرسەتكۈچىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق.

    ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. يېڭىدىن ياسالغان 8427 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 16مىڭ كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پۈتۈپ پويىز قاتنىدى، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 60ىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل قاتناش مۇساپىسى 112 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. سۇ يولى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ۋە تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى پۇختا ئىشلەنمەكتە. كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىلىرى 780 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي سۇ باشلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى 100 مىليونلىغان ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

    يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدۇق. پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يولىنى تىرىشىپ ئېچىپ، جۇڭگۇەنسۈندىكى دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدا سىناق نۇقتىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، پەن – تېخنىكا بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدۇق، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتۇق. سۇپېرلىق ھېسابلاش، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىش قاتارلىق چوڭ – چوڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تارماق لىنىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇشقا باشلىدى.

    تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى كۆپەيتىپ ۋە پۇختىلاپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇردۇق. بىز ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلدۇق، تۆۋەن چەكنى ساقلىدۇق ۋە مېخانىزم ئورناتتۇق، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان ھەم چىقىم بېسىمى ئېغىرلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، مالىيە مەبلىغىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %70 تىن كۆپرەك بولدى.

    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى كۈچەيتتۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۇراقلىق بولۇش ئاساسىدا ئۆرلىدى. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈردۇق، كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى يەنە %10 ئاشتى. كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈشنى يېڭىدىن باشلىدۇق، بۇنىڭدىن 5 مىليون 110 مىڭ يۈرۈشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتۇق، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى %9.97 يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى %14.1 ئۆرلىدى، مېيىپ ھەربىيلەر، قۇربانلار ئائىلىسى ۋە ھەربىيدىن قايتقان پېشقەدەملەر قاتارلىق نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى %20 تىن ئارتۇق ئۆستۈردۇق.

    مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئۆلچىمىنى زور ھەجىمدە ئۆرلەتتۇق. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇش پۇلى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئۈچ يىلغا ئۇزارتتۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز كىرىپ ئوقۇش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق، 28 ئۆلكىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە يۆتكەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كۆچۈپ كەلگەن جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگەنلەرنىڭ سانى ئۇدا ئىككى يىل %10 تىن ئارتۇق كۆپەيدى. تىرىشىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى %4 تىن ئاشۇردۇق.

    تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى بارلىق ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتتۇق، كېسەلنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزدۇق، ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى %95 تىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ مۇلازىمەت تورىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردۇق. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتقان ناھىيە – شەھەرلەر 1300دىن ئاشتى.

    مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردۇق. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ بېرىدىغان چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق، رادىيو – تېلېۋىزىيە ھەممە كەنتنى قاپلاش قۇرۇلۇشىنى ھەممە ئائىلىنى قاپلاش دەرىجىسىگە يەتكۈزدۇق. نادىر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازارلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

    بەشىنچىدىن، جەمئىيەتنى تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تەرتىپلىك پەسەيتىپ، مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدىدۇق.

    بۇلتۇر يۈننەننىڭ لۇديەن، جىڭگۇ قاتارلىق جايلىرىدا بىرقەدەر كۈچلۈك يەر تەۋرىدى، بىز يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردۇق. ئافرىقىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىپ، ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالدۇق ۋە ئۇنى تىزگىنلىدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھادىسە ئومۇمىي سانىنى، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھادىسىلەرنى داۋاملىق ئازايتتۇق. داستىخان بۇلغىنىشىنى تىرىشىپ تۈزىدۇق، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردۇق.

    قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق 15 قانۇننى چىقىرىش – تۈزىتىش، كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ۋاقىتلىق نىزامى قاتارلىق 38 مەمۇرىي نىزامنى چىقىرىش – ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرى ھەققىدە كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدۇق. مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 3 – قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلدۇق. قانۇن ياردىمى بېرىش دائىرىسىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەردىن تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە كېڭەيتتۇق. شەھەر، يېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساھە، جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى بىۋاسىتە تىزىملاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىدۇق.

    بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خىل خاھىش›› نى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇق. گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىم – ئىشتاتىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدۇق. مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك جازا بەردۇق.

    بىز چوڭ – چوڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۈچ تەرەپ باھالاش ۋە جەمئىيەت باھالاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

    بىر يىلدىن بۇيان، دىپلوماتىيە خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقتى، ھەمدە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى، ئاسىيا – ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى، داۋوس مۇنبىرى قاتارلىق چوڭ – چوڭ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – قېتىملىق رەھبەرلەر غەيرىي رەسمىي يىغىنى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى مەجلىسىنىڭ 4 – قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئورنىتىش ۋە خەلقئارا قائىدە تۈزۈشكە ئاكتىپ قاتناشتۇق. چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى مۇقىم ئاساستا ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئىقتىساد دىپلوماتىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىنى باشلىدۇق، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلدۇق. بىزنىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى بارغانسېرى نامايان بولماقتا.

    ۋەكىللەر!

    بىر يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر كۆرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

    بىز نەتىجىلەرنىمۇ كۆرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كۈچىمىز ئاجىزلاپ قالدى، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسى كۆپ ئەمەس، خەلقئارا بازار دېگەندەك ياخشىلانمىدى، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشىمىز قىيىنلىشىۋاتىدۇ، بەزى ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر ھېلىھەم مەۋجۇت. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ تەننەرخى ئۆرلەۋاتىدۇ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن ھەم قىممەت بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى ھېلىھەم نىسبەتەن يىرىك، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئوشۇق بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئاجىز. ئاممىنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، قاتناش، مائارىپ، كىرىم تەقسىماتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە نارازى بولۇۋاتقان تەرەپلىرى ئاز ئەمەس. بەزى جايلاردا مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر، چوڭ – چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى پات – پات يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىكلەر بار، بەزى سىياسەت، تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى قىسمەن خادىملار قالايمىقان ئىش قىلىۋاتىدۇ، قىلىدىغاننى قىلمايۋاتىدۇ، بەزى چىرىكلىك مەسىلىلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بەزى كىشىلەر ئەمەلگە لايىق ئىش قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمايدىغان، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بېجىرمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، ئامانلىقتا خەتەرنى، ئاسايىشلىقتا مالىمانچىلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

    2. 2015 – يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى

    دۆلىتىمىز دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، تەرەققىيات چىڭ قائىدە، شۇنداقلا بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ۋە خەۋپ – خەتەرلەرنى پەسەيتىپ، ‹‹ئوتتۇرا ھال كىرىم توزىقى››دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك، تەرەققىياتتا مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتى بولۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نورماللىققا قەدەم قويۇپ، جاپالىق داۋانلاردىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشىمىگەندە، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرىدىغان بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتقا تايىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

    ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، جانلىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ تەسىرى زورىيىۋاتىدۇ، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ھېلىھەم كۈچىيىۋاتىدۇ، تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نى – نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يوشۇرۇن كۈچ، ئىلاستىكىلىق ۋە ئىمكانىيەت غايەت زور. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى كۈنسايىن پۇختىلاپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى نامايان قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. كۈلپەت ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

    يېڭى بىر يىل ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم يىل بولىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى∶ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورماللىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئىسلاھات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش.

    ئومۇمىي تەلەپنى ياخشى ئىگىلەشتە، مەۋقەنى ئىقتىسادنى ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشۇرۇش ۋە ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹قوش نىشان››غا قويۇپ، سىياسەتنى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش››تە چىڭ تۇرۇپ، قولمۇقول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرى، جامائەت مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت ‹‹قوش قوزغاتقۇچ›› بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى تەڭشەلگەندە تەرەققىياتنى ئاستىلىتىپ قويماسلىققا، مىقدار ئاشۇرۇلغاندا سۈپەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى∶ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 چامىسىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 چامىسىدا تىزگىنلەش، شەھەر – بازارلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە كونترول قىلىش، ئىمپورت – ئېكسپورت نىسبىتىنى %6 چامىسىدا ئاشۇرۇش، خەلقئارا كىرىم – چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقىنى %3.1تىن كۆپرەك ئازايتىپ، ئاساسىي بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش.

    ئىقتىسادنى %7 چامىسىدا ئاشۇرۇشنى كۆزلىمە نىشان قىلىشتا ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى تەڭ ئويلاشتۇق، بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشقان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە، شۇنداقلا تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بىز مۇشۇنداق سۈرئەت بىلەن خېلى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى ساقلاپ قالساق، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز. مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇلازىمەتچىلىك سالمىقىنىڭ ئېشىشى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، %7 چامىسىدىكى تېزلىك ئارقىلىق خېلى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ. جايلار ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئاكتىپ ئىلگىرىلەپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

    بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى ئوبدان ئىگىلەيمىز.

    بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالدىن تەڭشەش، مىكرولۇق تەڭشەش، نىشانلىق تەڭشەش – تىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشۇرمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساقلانمىنى جانلاندۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىمىز. مىكرو ھاياتىي كۈچ ئارقىلىق ماكرو مۇقىملىققا تىرەك بولۇپ، تەمىناتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئومۇمىي مىقدارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

    ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرىمىز. بۇ يىل 1 تىرىليون 620 مىليارد يۈەن مالىيە قىزىل رەقىمى ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇ بۇلتۇرقىدىن 270 مىليارد يۈەن ئارتۇق، دېمەك قىزىل رەقەم نىسبىتىنى بۇلتۇرقى %2.1تىن %2.3كە ئۆستۈردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 120 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 170 مىليارد يۈەن كۆپەيدى؛ يەرلىكنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، 100 مىليارد يۈەن كۆپەيدى. قەرز باشقۇرۇش بىلەن مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىش – مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يېڭىلايمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مۇۋاپىق مىقداردا مەخسۇس زايوم تارقىتىمىز، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە داۋاملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى پەسەيتىمىز. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ساقلانما مەبلەغنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىش ۋە ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىمىز.

    پۇختا پۇل سىياسىتىنىڭ بوش –چىڭلىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەيمىز. كەڭ مەنىدىكى پۇل2Mنى %12 چامىسىدا كۆپەيتىشنى مۆلچەرلىدۇق، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاز – تولا ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ماكرو جەھەتتە سالماق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاشكارا بازار مەشغۇلاتى، ئۆسۈم نىسبىتى، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى، تەكرار قەرز قاتارلىق پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، پۇل كىرېدىتى كۆلىمىنى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى سالماق ئاشۇرىمىز. مەبلەغ ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، كىرېدىت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن پۇلنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا يېتەكلەيمىز.

    ئىككىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايمىز. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› زىددىيىتىگە دۇچ كەلدى، بايلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسى كۈچەيدى، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ تەننەرخى ئۆرلىدى، يۇقىرى سېلىنما ۋە يۇقىرى سەرپىياتقا تايىنىش، مىقدارنى ئاشۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشتەك تەرەققىيات ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختاۋاتىدۇ، شۇڭا، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش داۋامىدا قۇرۇلمىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىمىز. ھەم سۈرئەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق يۈرۈشۈشىگە، ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە كىرىمنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ياخشىلاشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىمىز، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمىز، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي مۇھىم ئامىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز، سۈپەت، ئۆلچەم ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماكانى ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە ئېشىش پەللىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرىمىز. تەرەققىيات داۋامىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

    ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە بەرپا قىلىمىز. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلىشىپ قالدى، شۇڭا بىز قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى قوزغاتقۇچنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى قوزغاتقۇچ بەرپا قىلىمىز. بىر تەرەپتىن، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتىمىز، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز، تەمىنات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. بۇ كەم جايلارنى تولۇقلاش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكىمۇ، ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن، قولمۇول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. بۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، ئاھالە كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ يەنە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تىك يۆنىلىشتە يۆتكىلىشىنى ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئېلىمىزدە 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالە، 900 مىليون ئەمگەك كۈچى بايلىقى بار، خەلقىمىز ئەمگەكچان ھەم ئەقىل – پاراسەتلىك خەلق، خەلق ئارىسىغا پۈتمەس – تۈگىمەس ئىجادكارلىق يوشۇرۇنغان، بىز مىليونلىغان بازار ھۈجەيرىسىنى جانلاندۇرىغان بولساق، جەزمەن غايەت زور تەرەققىيات كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى باشتىن – ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالايمىز. ھۆكۈمەت دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، بازار ۋە جەمئىيەتكە يېتەرلىك تەرەققىيات ماكانى قالدۇرۇپ، ئادىل رىقابەت ئۈچۈن مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شەخسلەر ۋە كارخانىلار دادىللىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كىشىلەرنى بايلىق يارىتىش داۋامىدا مەنىۋى ئىستىكى ۋە ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    بۇ يىل 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى، بىز 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىللە، ئىسلاھات روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىمىز.

    3.ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان غەلىبە ئەڭگۈشتەرى، شۇڭا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئومۇملۇققا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىسلاھاتلاردا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى قۇدرىتىنى نامايان قىلىمىز.

    مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ تۆۋەنگە ھوقۇق بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تۆۋەنگە بېرىپ، غەيرىي مەمۇرىي ئىجازەت تەستىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىقنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىمىز، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتالنى تىزىملاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش››نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى ئېنىقلايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بازار بىلەن جەمئىيەتكە بېرىدىغان ھوقۇقلارنى ئېلىپ قالماي تولۇق بېرىشى، يۇقىرىدىن بېرىلگەن تەستىق تۈرلىرىنى لايىقىدا، ئوبدان باشقۇرۇشى كېرەك. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، كارخانىغا ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان تورنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى تۈزۈمى ۋە ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش – ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىمىز، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز. ئەخلاق – پەزىلەت كىچىك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، ھوقۇقنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئادىل رىقابەتلىشىشىگە قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بارلىق مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدە تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۆھلەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى قىسقارتىش يولى بىلەن بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

    كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەستىقلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە تارايتىپ، تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىمىز. سېلىنما تۈرلىرىنى ئالدىن تەستىقلاشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تۈرنى توردا بىرلىشىپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ئەلئارا سېلىنمىنىڭ بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى پاي ھوقۇقى سېلىنما فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنما ياردەم پۇلى بېرىش، كاپىتال كىرگۈزۈش، فوند تەسىس قىلىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى نۇقتىلىق تۈرلەرگە سېلىشقا يېتەكلەيدۇ. تۆمۈريول تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تۇتقا قىلىپ، تۆمۈريولغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۇل ئەسلىھەلەر، جامائەت ئىشلىرى ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ كاپىتال ھەمكارلىقى ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتىمىز.

    پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، باھا ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. ئىسلاھات يۆنىلىشى بازارنىڭ بايلىق تەقسىملىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، شۇڭا باھاسىنى ھۆكۈمەت بېكىتىدىغان تۈرلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، رىقابەتلىشىش شەرتىنى ھازىرلىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى پىرىنسىپ جەھەتتە تولۇق قويۇۋېتىمىز. مۇتلەق كۆپ قىسىم دورىلاردا ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، بىر تۈركۈم ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بويىچە ھەق بېكىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىمىز. توك يەتكۈزۈش – تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنىڭ سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە كېرەكلىك سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ شوتىسىمان باھا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كىرىمى تۆۋەن ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

    مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا ۋە ئوچۇق خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەركەز ۋە جايلاردىكى بارلىق تارماقلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلىرىدىن باشقا خامچوت ۋە نەق چوتلىرىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىمىز. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنى ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىغا كىرگۈزۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويىمىز. مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. تىجارەت بېجى ئورنىغا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاپ، ئىستېمال بېجى سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. باج ئېلىش – باشقۇرۇشقا دائىر قانۇنلارنى تۈزىتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز، يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم ئايرىمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەيمىز.

    ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شارائىت ھازىرلىغان ئەلئارا كاپىتال ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، نورما بېكىتىۋالماي، قانچىسىنىڭ شارائىتى پىشىپ يېتىلسە شۇنچىسىنى تەستىقلايمىز. يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيەنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. ئېچىش خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جامائەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدىكى رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرىمىز. ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك لەيلىمە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىمىز. خەلق پۇلى كاپىتالى تۈرىنىڭ ئايرىباشلاشقا بولۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارادا ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، خەلق پۇلىنى دۇنيا بويىچە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش سىنىقىنى يولغا قويىمىز، شېنجېن ئاكسىيە بازىرى بىلەن شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى مۇۋاپىق پەيتتە باشلايمىز. كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، پاي ھوقۇقى بىلەن جامائەتتىن غەملەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويۇپ، كىرېدىت مۈلكىنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، غايەت زور ئاپەت سۇغۇرتىسى ۋە شەخسىي باج كېچىكتۈرۈلىدىغان سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويىمىز. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلىنىمىز ۋە ئۇنى پەسەيتىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز.

    دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت كاپىتالى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئوخشاش بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى توغرا بېكىتىپ، ئىسلاھاتنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت كاپىتالى سېلىنما شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركىتى سىنىقىنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان ھەرىكەت مۇھىتى يارىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، سېلىنما تۈرلىرىگە غەيرىي دۆلەت كاپىتالىنىڭ پاي قوشۇشىنى رىغبەتلەندۈرىمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت گاز تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى يولغا قويۇش سېلىقىنى ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلىرىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا تىجارەتچىلىرىگە ئىلھام بېرىش ۋە چەك قويۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز.

    ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە ئېغىشماي رىغبەتلەندۈرۈپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، كارخانىچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز.

    پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك – ساقلىق ساقلاش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، كەسپىي ئورۇن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. تەرەققىيات ئىسلاھات تۈرتكىسىگە موھتاج، ئامما ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تەقەززا، شۇڭا بىز تەرەققىياتقا كۈچ قوشىدىغان، خەلققە نەپ بېرىدىغان ئىسلاھات نەتىجىلىرى بىلەن تىرىشىپ جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

    ئېچىۋېتىشمۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش تەشەببۇسكارلىقى ئارقىلىق تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقى، خەلقئارا رىقابەت تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

    تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سېلىقىنى يېنىكلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2015 – يىلىدىن باشلاپ مەركەز مالىيەسى تولۇق ئۈستىگە ئالىدىغان بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، يەرلىك بىلەن كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. ئىمپورت – ئېكسپورت ھالقىسىدىكى ھەقنى ئېنىقلايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ھەق ئېلىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۇرغۇزىمىز ۋە ئاشكارىلايمىز. تاشقى سودا رىقابىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددە بېرىدىغان ئۈلگىلىك شەھەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىمپورت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىلغار تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنە، مۇھىم دېتال – بۆلەكلەر ئىمپورتىنى كۆپەيتىمىز.

    چەت ئەل مەبلىغىدىن تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سېلىنما كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىش كاتالوگىنى تۈزىتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا چەك قويىدىغان تۈرلىرىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئەنگە ئېلىش، چەكلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتەك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا دائىر قانۇنلارنى تۈزىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا سودا مۇھىتى ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز.

    سىرتقا چىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويىمىز. كارخانىلارنى چېگرا سىرتىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۆمۈريول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتىرون قاتارلىق جۇڭگونىڭ جابدۇقلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، مېتاللورگىيە، بىناكارلىق ماتېرىيالى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئاساس قىلىنغان تاشقى سېلىنما باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىمىز، ئېكسپورت كىرېدىت سۇغۇرتىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورت ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلىدىغان يۈرۈشلۈك چوڭ ئەسلىھەلەردىن سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىلايمىز. تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن پايدىلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر، قانۇن، كونسۇل جەھەتتىن قوغداش مۇلازىمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەلدىكى ھوقۇق – مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىرتقا چىقىش، سىرتقا چىقىپ پۇختا تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقئارا رىقابەتتە مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

    سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ھەمكارلىقى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ۋە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ ئۆتىڭى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. جۇڭگو – پاكىستان، باڭلادېش – جۇڭگو – ھىندىستان – بىرما ئىقتىساد كارىدورلىرىنى بەرپا قىلىمىز. ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە چېگرا رايوننى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىجادىيەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. شاڭخەي ۋە گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پىشقان تەجرىبىلەرنى مەملىكەت بويىچە تېزدىن كېڭەيتىپ، ئۆزگىچە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرىمىز.

    ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايونلار ئارا ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى كېلىشىمىنى تەتبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇھىت مەھسۇلاتلىرى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش جەھەتلەردىكى خەلقئارا سۆھبەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىمىز. ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، جۇڭگو – كورېيە، جۇڭگو – ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالاپ، جۇڭگو – ياپونىيە – كورېيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى، ئىسرائىلىيە قاتارلىق ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتى ۋە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بويىچە كېلىشىم تۈزۈش سۆھبىتىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ چىقىمىز. جۇڭگو – ئامېرىكا، جۇڭگو – ياۋروپا سېلىنما كېلىشىمى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان ھەم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان دۆلەت، بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى، دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشنى خالايمىز.

    4. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ۋە قۇرۇلمىنى ياخشىلاشقا ماس تۈرتكە بولىمىز

    مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان. بىز ھەم ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىشىمىز، ھەم ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇزاققىچە، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرىمىز. ئاممىۋى ئىستېمالغا ئىلھام بېرىپ، ھۆكۈمەت ئۈچ خىل خىراجىتى ئىستېمالىنى تىزگىنلەيمىز. كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۇچۇر ئىستېمالىنى زورايتىمىز، ساياھەت – ئىستىراھەت ئىستېمالىنى يۈكسەلدۈرىمىز، يېشىل ئىستېمالغا تۈرتكە بولىمىز، تۇرالغۇ ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرىمىز، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئاشۇرىمىز. ‹‹ئۈچ تور››نى بىرىكتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئوپتىك تالا تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، كەڭ بەلباغلىق تور سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تېز يوللانمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورىنى ۋاسىتە قىلغان، تور ئىچى – سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولىدىغان گۈللەنمە ئىستېمالنى جانلاندۇرىمىز. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۈرۈشتۈرۈش، قايتۇرۇپ كېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختا، ناچار مەھسۇلات ياساش، سېتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئىستېمال جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىپ، يۈز مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

    جامائەت مەھسۇلاتلىرى ئۈنۈملۈك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىمىز. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلايمىز. ئاساسلىقى: كەپە ئۆي ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا – غەربىي رايونلار تۆمۈريولى ۋە تاشيولى، ئىچكى دەريالاردىكى سۇ يولى قاتارلىق چوڭ – چوڭ قاتناش قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، ئۇچۇر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت گاز قاتارلىق چوڭ – چوڭ تور قۇرۇلۇشى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە نېفىت – گاز، قېزىلما بايلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئەنئەنىۋى كەسىپ – تېخنىكىلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە تېجەش – مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلايمىز. بۇ يىل مەركەز خامچوتىدىكى سېلىنمىنى 477 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە كۆپەيتتۇق، لېكىن بۇنىڭدا ھۆكۈمەت ‹‹يالغۇز ئىش قىلمايدۇ››، ئەل ئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە يېتەكلەيدۇ. تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېلىنما سالمىقىنى ساقلاپ، 8000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدە قاتناش باشلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش تورىنى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇپ، قاتناشنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇرىمىز. ئىش باشلانغان 57 چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، بۇ يىل يەنە 27 تۈردە ئىش باشلاپ، قۇرۇلۇش ئۈستىدىكى چوڭ – چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى كۆلىمىنى 800 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرىمىز. كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، تۆمۈريول، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا تەڭ مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغنى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، غايەت زور ئىچكى ئېھتىياجنى تېخىمۇ جانلاندۇرىمىز.

    يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىمىز، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمىز.

    بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 550مىليون توننىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى قوغداش ۋە ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يەرنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر بوشىتىلغان يەرنى 13 مىليون 330 مىڭ گېكتار كۆپەيتىمىز، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورت، يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. دېھقانلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى بازارنى نىشانلاپ تەڭشەشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، بولۇپمۇ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلاردىكى ئاشلىقنى ئۆزىدە ئايلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئاشلىق زىرائىتى تېرىشنى يەم – خەشەك زىرائىتى تېرىشقا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىمىز. دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى قالدۇقى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

    يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ دېھقانغا نەپ يەتكۈزىمىز. يېزىلارنىڭ سۇ ۋە يول قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىمىز، بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى 60 مىليون كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايمىز ۋە ئۆزگەرتىپ ياسايمىز، غەربىي رايونلارنىڭ چەت – ياقا، تاغلىق جايلىرىدىكى سىيرىلما ئارقاننى كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندايمىز. تېخىچە توك ئىشلەتمىگەن 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى توك ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا مۇھىتنى ئوڭشاشنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب گۈزەل يېزا، كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقىمىز. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ يوللار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى كىچىكلەش ھالىتىنى ساقلايمىز. نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنى يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى دەل جايىدا يولغا قويىمىز. قىيىنچىلىق ھەرقانچە زور بولسىمۇ، بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى نامراتلارنىڭ سانىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىمىز.

    يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھات ئاچقۇچ. بىز ئائىلە ئىگىلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، تېرىقچىلىق، باقچىمىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كوپىراتىپلىرى، كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلار قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىلدۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى يولغا قويىمىز. يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش – تىزىملاپ كىنىشكا بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى، كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نۇقتىدا سىنايمىز، ئىسلاھات داۋامىدا تېرىلغۇ يەرنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكى ۋە سۈپەتنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى، دېھقانلار مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. تەمىنات – سودا كوپىراتىپى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇرۇقچىلىق، دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى، ئورمان رايونى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، يېزا ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا رايونى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى ياخشى باشقۇرىمىز. ئاشلىق سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى ۋە ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش – ساقلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا نىشانلىق باھا ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى ياخشىلايمىز. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جەملەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. مالىيەدە مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرماي كۈچەيتىمىز، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنى ئازايتماي كۆپەيتىمىز.

    يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. بازارلاشتۇرۇش شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ تۈپ يولى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئىچكى ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئادەمنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ 100 مىليون ئادەم›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بازارلاشتۇرۇشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

    شەھەر – بازارلاردىكى كەپە ئۆيلەرنى ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي سالىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە كەپە ئۆي رايونىدىكى 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ، 1 مىليون 100 مىڭ يۈرۈشنى كۆپەيتىمىز. شەھەرلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. يېزىلاردىكى 3 مىليون 660 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ، 1 مىليون ئائىلىلىكنى كۆپەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۆينى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. تۇرالغۇ كاپالىتىدە تەدرىجىي ھالدا ئۆي كاپالىتى بىلەن ياردەم پۇلى بېرىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم ساقلانما ئۆيلەرنى جامائەت ئىجارە ئۆيى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىگە ئۆزگەرتىمىز. ئېغىر تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىگە تۇرالغۇ ياردىمى بېرىمىز. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يولغا قويۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئۆزى تۇرىدىغان تۇرالغۇ ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

    بازارلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ياقا يۇرتتىن كېلىپ شەھەر – بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ نوپۇسقا ئېلىنمىغان كىشىلەرگە تۇرۇش كىنىشكىسىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا مۇناسىپ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى قىلىمىز، تۇرۇش كىنىشكىسىگە ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى ئاھالىنى شەھەرلەشتۈرۈشكە چېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش تەننەرخىنى مۇۋاپىق ئۈستىمىزگە ئالىمىز. كۆپ مەنبەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز، قېلىپلاشتۇرىمىز. يەرنى تېجەپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى پۇختا قۇرۇپ، شەھەر، يېزىلاردا قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئازىيىشىنى چېتىش سىناق نۇقتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز.

    شەھەر، بازارلارنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. بىز شەھەرلەر پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ بىر شەھەردە ئوخشاش بولۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئالاھىدە چوڭ بازارلارنىڭ ھوقۇقىنى چوڭايتىش، فۇنكسىيەسىنى كۆپەيتىش سىنىقىنى يولغا قويىمىز، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، ناھىيە بازىرى ۋە مەركىزىي بازارلارنىڭ كەسىپ ۋە نوپۇس سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن جايدا شەھەر، بازارغا ماكانلىشىشىغا قولايلىق يارىتىمىز. ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تارىخىي، جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەتنى قوغدايمىز ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىمىز. شەھەرلەرنىڭ سۇ، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش، ئاممىۋى قاتناش ۋە كەلكۈندىن، ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، بۇلغىنىش، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق شەھەر كېسەللىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، سەپەرنى قولايلىقلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ لايىقلاشتۇرىمىز.

    رايونلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ماكانىنى كېڭەيتىمىز. ‹‹تۆت چوڭ بۆلەك›› ۋە ‹‹ئۈچ تىرەك بەلبېغى››نىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىرىكىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويىمىز. غەربىي رايونلاردا قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېكولوگىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ ئۇنىۋېرسال تۈرلەردە ئىش باشلايمىز، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، شەرقىي رايونلارنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز، پەرقلىق رايون تەرەققىياتى سىياسىتىنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى رايونلار بويىچە پايدىلىنىش – ئېچىۋېتىش بىلەن بىرلەشتۈرىمىز، يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، قۇرۇقلۇق – دېڭىز پورتى تايانچ نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، كەسىپلەرنى يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدى بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالتۇن سۇ يولىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە دەريا بويىدىكى پىرېستان – پورتلار قاتارلىق چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلاردا تەرتىپلىك ئىش باشلايمىز، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق چوڭ يوللارنى ياسايمىز، كەسىپلەرنى يۆتكەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى قۇرۇپ، كەسىپلەرنى شەرقتىن غەربكە پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشكە يېتەكلەيمىز. بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى نۇقتىلىق تەرەققىيات رايونلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پان جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

    دۆلىتىمىز دېڭىز – ئوكيان چوڭ دۆلىتى، شۇڭا بىز دېڭىز – ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، دېڭىز – ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداپ، دېڭىز – ئوكيان پەن – تېخنىكىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز – ئوكياننى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى ۋە دېڭىزدىكى كۈچلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز – ئوكيان ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دېڭىز ماجىرالىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك دېڭىز – ئوكيان ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.

    كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ياسىمىچىلىق بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈكىمىز، بىز ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025›› پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىن تىپ ئۆزگەرتىشتە، ئاساسنى كۈچەيتىشتە ۋە يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە تېز يۈرۈش قىلىمىز. مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، ئامورتىزاتسىيەنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۈچەيتىشكە تېگىشلىكلىرىنى كۈچەيتىش، قىسقارتىشقا تېگىشلىكلىرىنى قىسقارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پەسەيتىمىز، كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىنى قوللايمىز، بازار رىقابىتى داۋامىدا ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللايمىز. سانائەتلىشىش بىلەن ئۇچۇرلىشىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، تورلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز.

    گۈللەنمە كەسىپ ۋە گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى رىقابەتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى. بىز يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، ئۇچۇر تورى، توپلانما توك يولى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورىگەرلىك، ئاۋىياتسىيە موتورى، گاز تۇرۇبىنىسى قاتارلىق چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ يېتىلدۈرىمىز. ‹‹ئالاقە تورى+›› ھەرىكىتى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، بۈيۈك مەلۇمات، ئەشيا ئوبوروت تورى قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋى ياسىمىچىلىق بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سانائەت ئالاقە تورى ۋە ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، ئالاقە تورى كارخانىلىرىنى خەلقئارا بازارنى ئېچىشقا يېتەكلەيمىز. دۆلەت گۈللەنمە كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەشكە 40 مىليارد يۈەن سېلىنما يېتەكچى فوندى تەسىس قىلدى، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ توپلاپ، ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپلەر ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىمىز.

    مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىدە ئىش ئورنى كۆپ، بۇ ساھەنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. بىز مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، مالىيە – باج، يەر، باھا قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سىياسىتى، شۇنىڭدەك مائاشلىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ساياھەتچىلىك، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، ئىجادىيەت لايىھەلەش قاتارلىق تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش، ساقلاش ۋە سوغۇق ساقلاش قاتارلىق چوڭ – چوڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تىرىشىپ زور ھەجىمدە تۆۋەنلىتىمىز.

    تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئادەم يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدا باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پاي ھوقۇقى ۋە پايدا تەقسىماتى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك كەشپىياتقا دائىر قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى نەتىجە مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش، ئۇنۋان باھالاش، دۆلەت مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىمىز، پەن تەتقىقات ئاكادېمىيە – ئورۇنلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىلغان ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چەت ئەلدىن سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچلەرنى كىرگۈزىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسى ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىجادىيەتنى راۋاج تاپقۇزىمىز.

    كارخانا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى. بىز كارخانىلارنىڭ تەتقىقات – كەشپىيات چىقىمىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يۆلەش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە رىغبەتلەندۈرىمىز. كارخانىلارنىڭ چوڭ – چوڭ پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، پەن تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش ماكانىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈلگە رايونلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، دۆلەتلىك يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئوتتۇرا – كىچىك – مىكرو كارخانىلار نى – نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، بىز ئۇلارنى ئوبدان تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، ئۆز جايىدا يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز.

    يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە پەن – تېخنىكا بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەش ھەممىدىن مۇھىم. بىز مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن – تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ئاشكارا بولغان، بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە چوڭ – چوڭ ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا تەتقىقاتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى تېز يولغا قويۇپ، چوڭ – چوڭ پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە پەن تەتقىقات ئەسۋابلىرىنى جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىدۇ. بىز خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرىدىغانلا بولساق، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىنى جەزمەن پەيدا قىلالايمىز.

    5.خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز

    خەلقنى بېيىتىش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. بىز خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تۈرلۈك ئامال – چارە بىلەن كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ۋە ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

    ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكلەيمىز. بۇ يىل 7 مىليون 490 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكى ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىمىز. قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقىتىدارىنى پەسەيتىش جەريانىدا ئىشسىز قالغانلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز. يېزا يۆتكەلمە ئەمگەك كۈچى، شەھەر، بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بارلار، ھەربىيدىن قايتقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويىمىز، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق مەدەت بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىشلىكى مېخانىزمى ۋە تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئەمگەكچىلەر ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

    ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىمىز ۋە ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز. كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى %10 ئۆستۈرىمىز. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش ھالدا 55 يۈەندىن 70 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. شەھەر، بازاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز. ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئورگانلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائاش تۈزۈمىنى تەڭ قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، سىياسەتنى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىگە مايىللاشتۇرىمىز، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ۋە پاناھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جىددىي، قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن بولۇش، ۋاقتىدا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، ياشانغانلار ئىچىدىكى بەك چوڭ ياشلىقلار ۋە ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار، ئېغىر مېيىپلەر ۋە نامرات مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، پاراۋانلىق كاپالىتى تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز. مائاش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەنپەئەت بېرىش دائىرىسى كەڭ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ سىياسەتنى چوقۇم تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشى، شۇڭا بىز خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى كاپالەتلىك قىلىمىز.

    مائارىپنىڭ ئادىل تەرەققىي قىلىشى ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مائارىپ ھازىرقى چوڭ ئىش، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. بىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىسلاھاتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاجىز مەكتەپلەر ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنى ماكانلاشقان جايدا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. جايلاردىكى بەزى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەرنى ئەمەلىي كەسىپلەرنى ئېچىشقا يېتەكلەيمىز، نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە نوپۇسى كۆپ ئۆلكىلەردىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى بەرپا قىلىمىز، ئالاھىدە مائارىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى، داۋاملىق تەربىيە ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك مائارىپ ئىشلىرىنى كۈچەيتىمىز. پۇقراۋى مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر بىر تىيىن پۇلنىمۇ جايىدا خەجلەيمىز. يېزىلاردىكى ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىك يۆنىلىشتە يۈرۈشۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئادەمنى بىلىم ئېلىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز.

    ئاساسىي داۋالىنىش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن ھەر يىلى كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى 320 يۈەندىن 380 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئىچىدە بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش چارىسىنى پۇختا يولغا قويىمىز. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 100 شەھەردە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىپ، دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق قامداش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساختىلىق بىلەن ئۆستۈرۈۋېلىنغان دورا باھاسىنى چۈشۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېرىم ئۇسۇلى ئارقىلىق راسخوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سېلىقىنى تىرىشىپ يېنىكلىتىمىز. دوختۇرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ نۇقتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى يولغا قويىمىز. داۋالاش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى مۇرەسسە قىلىش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز. ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى خىراجىتى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 35 يۈەندىن 40 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، كۆپەيتىلگەن قىسمىنىڭ ھەممىسىنى كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ئاساسىي جامائەت ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە چىقىم قىلىشقا ئىشلىتىپ، نەچچە يۈز مىليون دېھقاننىڭ ئۆز جايىدا ياكى يېقىن جايدا كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىمىز. ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز. پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ساغلاملىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇڭا داۋالاش – ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. مەدەنىيەت مىللەت روھىنىڭ جېنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى. بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى گۈللەندۈرىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە ئارخىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. تېخىمۇ كۆپلىگەن نادىر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى ۋە باراۋەرلىشىشىنى پەيدىنپەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركەزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

    جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئاراغا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

    جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھەلەر، جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىشىنى قوللايمىز، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەت، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمىز، مەھەللىدە ۋە ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق مۇلازىمىتى قىلىمىز، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جەمئىيەت قوغداش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز. جامائەت تاسادىپىي ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. يەر تەۋرەش، مېتېئورولوگىيە، ئۆلچەش – سىزىش، گېئولوگىيە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلق مۇرەسسەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە پەسەيتىمىز. ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەم شۇ جايدا ھەل قىلىمىز. تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۆپ تەرەپلىك تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شۇنىڭدەك سېرىق، قىمار، زەھەر جىنايىتى، بىدئەتچىلىك، ئەتكەسچىلىك قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، تور ماكانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن قىممەتلىك، شۇڭا تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنىڭ تولۇق جەريانىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

    ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىتنى ئوڭشاش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى خەلق تۇرمۇشىغا ئاپەت ياغدۇرىدۇ، ئەلرايىغا ئازار بېرىدۇ. شۇڭا، مۇھىتنى قاتتىق تۈزەيمىز. بۇ يىل كاربون )Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %3.1 تىن كۆپرەك، خىمىيەۋى ئايروبىك مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارىنى بىردەك %2 چامىسىدا، گۈڭگۈرت )Ⅳ) ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %3 چامىسىدا، ئازوت ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىنى %5 چامىسىدا ئازايتىمىز. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە – كونترول مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كۆمۈردىن پاكىز ھەم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا كۆمۈر ئىستېمالىنى ئاشۇرماسلىققا تۈرتكە بولىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قالدۇق گازىنى تىزگىنلەپ، ماي ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۆلەتنىڭ 5 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە توشىدىغان بېنزىن، دىزلېن بىلەن تەمىنلەيمىز. 2005 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتقان سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يىل بىراك قىلىمىز. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ ھازىرلىق كۆرۈپ، كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىنىڭ سىنىقىنى كېڭەيتىمىز. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، دەريا، كۆل، دېڭىز سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى، سۇ بۇلغىنىش مەنبەسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، سۇنى مەنبەدىن جۈمەككىچە تولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بۇلغانغان مۇھىتنى 3 – تەرەپ تۈزەش چارىسىنى يولغا قويىمىز. مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىز مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇنلارنىڭ ئىجراسىنى چىڭىتىپ، بۇلغىمىنى يوشۇرۇن چىقارغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېغىر بەدەل تۆلىتىمىز؛ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىمىز.

    ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولت ئېلېكتىرى، بىيوماسسا ئېنىرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، سۇ ئېلېكتىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز، يادرو ئېلېكتىرىنى بىخەتەر تەرەققىي قىلدۇرىمىز، سالېنتس گازى ۋە كۆمۈر قاتلىمى گازىدىن ئېچىپ پايدىلىنىمىز. ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىمىز، سانائەت، قاتناش ۋە بىناكارلىق ساھەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى كۈچەيتىمىز. ئايلانما ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت تاشلاندۇقلىرى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېلىمىزدە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش بازارلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور، شۇڭا ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسپىنى گۈللەنمە تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.

    ئورمان، ئوتلاق، دەريا ۋە سۇلۇق يەر تەبىئەت ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان يېشىل بايلىق، شۇڭا ئۇلارنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. چوڭ – چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە باشلامچى – ئۈلگە رايونلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى دەريا ۋادىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى – تۆۋەن ۋادىلارغا توغرا يۆنىلىشتە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى سىنىقى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈچ دەريا ۋادىسىنى ياخشى قوغدايمىز. تەبىئىي ئورماننى قوغداش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى تەرتىپلىك توختىتىمىز. بۇ يىل تېرىلغۇدىن ئورمانغا – ئوتلاققا قايتۇرىدىغان يەرنى 667 مىڭ گېكتار كۆپەيتىپ، 6 مىليون گېكتار ئورمان بەرپا قىلىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا مۇھىمى ھەرىكەتكە كېلىشىمىز، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك، بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بوشاشماي چىڭ تۇتىدىغانلا بولساق، جەزمەن ئاسمىنى كۆپكۆك، سۇلىرى سۈپسۈزۈك ماكان بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالايمىز.

    6.ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز

    بىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

    ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىزىغا سالىمىز. ئاساسىي قانۇن بىزنىڭ تۈپ ھەرىكەت مىزانىمىز، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ ۋە قانۇننى ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىمىز. بارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىش شەرت، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق تارمىقىنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قەتئىي تۈردە قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ بارلىق قىلمىشلاردا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋاللىرىنى چوقۇم تۈزىتىمىز.

    ئىجادىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشپ ئاشۇرىمىز. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدە، ئىمكانقەدەر مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، 3 – تەرەپ تەمىنلەيدىغان لاۋازىمەتلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى بازار ياكى جەمئىيەتنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىمىز. ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىكىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش چارىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ۋە توردا ئىش بېجىرىشنى ئومۇملاشتۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، پارتىيەسىز – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىشى كېرەك. بىز بارلىق خىزمەتلەردە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

    ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىكنى تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىمىز. ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى چىرىكلىكنىڭ گەۋدىلىك ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇڭا بىز ھوقۇقنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق پاكلىقنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم رامكىسىنى چىڭىتىمىز. ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى ماكانىنى قەتئىي يوقىتىمىز، چىرىكلىكنىڭ تۇپرىقىنى تىرىشىپ تۈگىتىمىز. مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت مەبلىغى، جامائەت بايلىقى ۋە دۆلەت مۈلكىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىمىز. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلەشكەنلەرگە زادى يول قويماي، ئۇلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. چىرىكلىك قىلمىشى مەيلى رەھبىرىي ئورگانلاردا يۈز بەرسۇن ياكى ئامما ئارىسىدا يۈز بەرسۇن، ئۇلارنى قاتتىق جازالايمىز.

    تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەش ۋە خەلقنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورماللىققا قەدەم قويدى، شۇڭا روھىي قىياپىتىمىزنىمۇ يېڭىلىشىمىز كېرەك. مەمۇرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەش ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بۇرچىنى باشتىن – ئاخىر زىممىسىگە ئېلىشى، باشتىن – ئاخىر ئاممىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى ئىجادىي ئىشلىشى لازىم. بىز نەتىجىنى سىناش – باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەيمىز، خىزمەتتە ئاجىز بولغانلارنى قالدۇرۇش ھەققىدە نەسىھەت بېرىمىز، ئەمىلىگە لايىق ئىش قىلمىغان، ھۆكۈمەت ئىشىدا ھورۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلغانلارنى ئاشكارىلاپ، جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرىمىز.

    ۋەكىللەر!

    دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆزگىچە مەھەللە – بازارلىرىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەيمىز. ھەر مىللەت خەلقى ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ماس تەرەققىي قىلسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ ۋە بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ!

    بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.

    بىز چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىسى ھەم ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنتىلىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

    ۋەكىللەر!

    مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىنات قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق قورال – جابدۇق قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسى سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىن – ئاخىر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ئېغىشماي مۇستەھكەملىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    ۋەكىللەر!

    بىز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ باش مەمۇرلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل تۈردە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۆز رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى جەزمەن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

    بىز تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتكە دائىر چوڭ – چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››گە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلايمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ كېڭىشىش – سۆھبەتلىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈشىگە ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىمىز. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەلب رىشتىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز!ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توسۇۋالغىلى ۋە بۇرىغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل.

    ۋەكىللەر!

    بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلام، مۇقىم بولغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپ تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز. خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا سىستېما ۋە تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايمىز. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان تىنچلىقنى قوغداپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن دۇنيا يارىتىشنى خالايمىز.

    ۋەكىللەر!

    دەۋر جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تارىخىي پۇرسەت ئاتا قىلدى. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، روھىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە يارىتايلى ! 

    

    6.ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز

    بىز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

    ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىزىغا سالىمىز. ئاساسىي قانۇن بىزنىڭ تۈپ ھەرىكەت مىزانىمىز، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ ۋە قانۇننى ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىمىز. بارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىش شەرت، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق تارمىقىنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قەتئىي تۈردە قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ بارلىق قىلمىشلاردا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋاللىرىنى چوقۇم تۈزىتىمىز.

    ئىجادىي باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشپ ئاشۇرىمىز. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدە، ئىمكانقەدەر مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، 3 – تەرەپ تەمىنلەيدىغان لاۋازىمەتلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى بازار ياكى جەمئىيەتنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىمىز. ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىكىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش چارىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ۋە توردا ئىش بېجىرىشنى ئومۇملاشتۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، پارتىيەسىز – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىشى كېرەك. بىز بارلىق خىزمەتلەردە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

    ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىپ، ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەشەمەتچىلىكنى تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىمىز. ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى چىرىكلىكنىڭ گەۋدىلىك ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇڭا بىز ھوقۇقنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق پاكلىقنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم رامكىسىنى چىڭىتىمىز. ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى ماكانىنى قەتئىي يوقىتىمىز، چىرىكلىكنىڭ تۇپرىقىنى تىرىشىپ تۈگىتىمىز. مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت مەبلىغى، جامائەت بايلىقى ۋە دۆلەت مۈلكىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىمىز. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، چىرىكلەشكەنلەرگە زادى يول قويماي، ئۇلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. چىرىكلىك قىلمىشى مەيلى رەھبىرىي ئورگانلاردا يۈز بەرسۇن ياكى ئامما ئارىسىدا يۈز بەرسۇن، ئۇلارنى قاتتىق جازالايمىز.

    تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەش ۋە خەلقنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورماللىققا قەدەم قويدى، شۇڭا روھىي قىياپىتىمىزنىمۇ يېڭىلىشىمىز كېرەك. مەمۇرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەش ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بۇرچىنى باشتىن – ئاخىر زىممىسىگە ئېلىشى، باشتىن – ئاخىر ئاممىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنى ئىجادىي ئىشلىشى لازىم. بىز نەتىجىنى سىناش – باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەيمىز، خىزمەتتە ئاجىز بولغانلارنى قالدۇرۇش ھەققىدە نەسىھەت بېرىمىز، ئەمىلىگە لايىق ئىش قىلمىغان، ھۆكۈمەت ئىشىدا ھورۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلغانلارنى ئاشكارىلاپ، جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرىمىز.

    ۋەكىللەر!

    دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆزگىچە مەھەللە – بازارلىرىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەيمىز. ھەر مىللەت خەلقى ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ماس تەرەققىي قىلسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ ئائىلىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ ۋە بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ!

    بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.

    بىز چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىسى ھەم ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنتىلىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

    ۋەكىللەر!

    مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىنات قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق قورال – جابدۇق قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسى سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىن – ئاخىر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ئېغىشماي مۇستەھكەملىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    ۋەكىللەر!

    بىز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ باش مەمۇرلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدە رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل تۈردە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۆز رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى جەزمەن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

    بىز تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتكە دائىر چوڭ – چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››گە قارشى تۇرۇش سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلايمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ كېڭىشىش – سۆھبەتلىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈشىگە ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىمىز. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەلب رىشتىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز!ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توسۇۋالغىلى ۋە بۇرىغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل.

    ۋەكىللەر!

    بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساغلام، مۇقىم بولغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپ تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز. خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا سىستېما ۋە تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايمىز. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان تىنچلىقنى قوغداپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن دۇنيا يارىتىشنى خالايمىز.

    ۋەكىللەر!

    دەۋر جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تارىخىي پۇرسەت ئاتا قىلدى. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، روھىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە يارىتايلى!

010020070830000000000000011100001340745141